باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

18ئۆلكە ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسى بىلەن ماسلاشتۇردى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-07-12 11:31

    دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، جىلىن، جياڭسۇ قاتارلىق 18 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىنى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورناتقان؛ خېبېي، سەنشى، لياۋنىڭ، گۇاڭشى، يۈننەن قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى مۇشۇنداق مېخانىزم ئورنىتىدىكەن، قالغان سەككىز ئۆلكە، شەھەر يىل ئاخىرىغىچە ئورنىتىدىكەن.

    ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا، مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق بەش مىنىستىرلىق ۋە كومىتېت بىرلىكتە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىنى مال باھاسى بىلەن ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى تۈزۈمىدە بەلگىلىنىشىچە، مال باھاسى قىسقا مۇددەت ئۆرلىگەندە، ھۆكۈمەت قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ۋاقتىنچە باھا تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بېرىدىكەن؛ مال باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىسە، ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە پاراۋانلىق ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورناتقان 18 ئۆلكىدە نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى، شەھەر، يېزىلاردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلىك بېقىلىش ئوبيېكتى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئالىدىغانلار ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، جياڭسۇ، جېجياڭ، خەينەن، سىچۈەن، شەنشى، گەنسۇ، تيەنجىن قاتارلىق جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.

    ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش شەرتىدە، فۇجيەن، جياڭشى، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۈيجۇ قاتارلىق ئالتە ئۆلكىدە شەھەر، بازار ئاھالىلىرى ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى (ياكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى) ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇدا ئۈچ ئاي %3كە يەتكەن ياكى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ يولغا قويۇلۇش شەرتى قىلىنغان، قالغان ئۆلكىلەردە مۇناسىۋەتلىك باھا كۆرسەتكۈچىدىن %4 ياكى %5تىن ئاشقان ئەھۋالدا يولغا قويۇش شەرت قىلىنغان.

    جايلارنىڭ ۋاقىتلىق تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، جىلىن، خۇبېي، فۇجيەن، جياڭشىدە بىر ئادەمنىڭ ھەر ئايدىكى تولۇقلىما پۇلى ئون يۈەندىن، جېجياڭدا 30 يۈەندىن ئاز بولماسلىقى بەلگىلەنگەن؛ تيەنجىن، خەينەن باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشىگە ئاساسەن تولۇقلىما ئۆلچىمىنى بېكىتكەن، تيەنجىندە كۆرسەتكۈچ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۆرلەپ %3 ياكى %5كە يەتكەندە ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 20 يۈەن تولۇقلىما بېرىش، %5تىن %7كىچە بولغاندا 30 يۈەن تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى بېكىتىلگەن؛ جياڭسۇ ۋاقىتلىق تولۇقلىما ئۆلچىمىنى يەرلىكنىڭ شۇ پەسىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنىڭ %25ى قىلىپ بېكىتكەن.

    ‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى 290 مىليون ئادەم ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قالايمىقان ھەق ئېلىشنى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى

16ئۆلكىدىكى2مىليوندىن ئارتۇق كىشى قارا يامغۇر،كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى

كاراچى ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى

بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار ئوتتۇرا ئاسىيادا بازار تاپتى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى چېقىشنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئېلىمىز‹‹چۆمۈچ يۇلتۇز››يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ

ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا‹‹مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ<12–بەش يىل>لىق تەرەققىيات پىروگراممىسى››مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى

ئەھدىمىزگە پارتىيە بايرىقى گۇۋاھ

جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئۆزئارا ياردەملىشىپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدىغان ئېرىشىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇردى ؟

ئېلىمىز ‹‹مېرىدىيان قۇرۇلۇشى››دىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش راكېتاسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ ، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردا 100 دىن ئارتۇق ياۋا تۆگىنى بايقىدى

جۇڭگو خامچوتنى ئاشكارىلاشنى، يەرلىكنىڭ مەركەزگە سېلىشتۇرۇپ 3 خىل ھۆكۈمەت چىقىمىنى ئاشكارىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ

ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى بەش يىلدا بىر قاتلاش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号