دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى ئىشخانىسى 9-ئىيۇل ئېلان قىلغان 2011-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەبىئىي ئاپەت زىيىنى ئەھۋالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى 290 مىليون ئادەم ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، 449 ئادەم قازا قىلغان (بۇنىڭ ئىچىدە ئورمان ئاپىتىدە 41 ئادەم قازا قىلدى)، 100 ئادەم يوقاپ كەتكەن ، 2 مىليون 964 مىڭ ئادەم قېتىم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەتنىڭ زىيان ئەھۋالى يېقىنقى يىلدىكى شۇ مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەگە يېقىنلاشقان ، لېكىن قىسمەن رايونلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشى ئېغىر بولغان بولۇپ، ئاساسەن بەش ئالاھىدىلىك گەۋدىلىك بولغان: بىرىنچى : سۇ ئاپىتى ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدە زىيان ئېغىر، قۇرغاقچىلىقتىن ھۆلچىلىككە تېز ئۆزگىرىش روشەن بولدى. ئىككىنچى : يەر تەۋرەش ئاپىتى كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن، تەيفېڭ بورىنىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن. ئۈچىنچى : توڭ ئاپىتىنىڭ زىيىنى ئېغىر، مۆلدۈر ئاپىتىنىڭ ئاپەت دائىرىسى كەڭ. تۆتىنچى : تەكرار ئاپەتكە ئۇچرىشى ئېغىر، ئۆلۈم يېتىم مەركەزلىك بولغان. بەشىنچى : ناچار ھاۋارايى ھادىسلىرى پات-پات يۈز بېرىپ، شەھەرلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشى گەۋدىلىك بولغان.