پاكىستان ساقچى تەرەپنىڭ 7-ئىيۇل كەچ ئېيتىشىچە ، 7-ئىيۇل ، پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كاراچىدا ئىككى ئاپتوبۇس قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، 13 ئادەم قازا قىلىپ، 30 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان .
ساقچى تەرەپ مۇنداق دېدى : سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر توپ قوراللىقلار 7-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن كاراچى شەھىرىدە قاتناۋاتقان ئىككى كوچا ئاپتوبۇسقا ھۇجۇم قىلدى. شۇ كۈنى كاراچىدا يەنە قوراللىق ئېتىشىش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، جەمئىي 29 ئادەم قازا قىلدى. يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۆلۈپ ، يارىلانغانلارنىڭ سانى 65 گە يەتتى.
نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، قوراللىقلار بەزى دۇكان ۋە تۇرالغۇلارغا گىرانات تاشلىغان .
يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ، كاراچىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ساقچى تەرەپ ، كاراچىدىكى بىرلىككە كەلگەن مىللىي ھەرىكەت پارتىيەسى بىلەن خەلق مىللىي پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى داۋاملىق ئۆز ئارا ئەيىپلىشىپ ، سۈيقەست پىلان بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. يېقىندا خەلق مىللىي پارتىيەسىنىڭ بىر نەپەر يەرلىك ئەمەلدارى كاراچىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان، بۇ يېقىندا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن، دېدى. ساقچى تەرەپ يەنە، سىياسىي پارتىيە بىلەن ئىرقلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. بىرقىسىم قارا جەمئىيەت ئەزالىرى توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلىماقتا، دېدى.
كاراچى پاكىستاندىكى چوڭ شەھەر، پۇل مۇئامىلە، سودا مەركىزى بولۇپ، 14مىليون نوپۇسى بار، بۇ يەردە كۆپلىگەن مىللەتلەر ۋە ھىندىستاندىن كەلگەن كۆچمەنلەر ياشايدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىرقلار ۋە سىياسىي پارتىيە ئوتتۇرىسىدا كۆپ قېتىم قانلىق توقۇنۇش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ، يارىلاندى.
