
ئىختىيارىي مۇخبرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن خەۋىرى ، فوتوسى : 28-ئىيۇن ، 7-نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان پەيتتە ، ياغاچتىن سىپتا قىلىپ ياسالغان ، ئاككۇمۇلياتور ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان بىر ياغاچ پىكاپ قەشقەر كوچىلىرىدا ئايلىنىپ جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئىگىلىنىشچە ، بۇ ياغاچ پىكاپنى قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزا 13-كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق ئاتا-بالا ياغاچچى ئابابەكرى ئېلى ۋە مەمەتتۇرسۇن ئابابەكرىلەر يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياساپ چىققان . پىكاپنىڭ ياسىلىشى سىپتا ۋە كۆركەم بولۇپلا قالماي ، ئۇنىڭغا ئاككۇمۇلياتور سەپلەنگەن بولۇپ ، ئادەتتىكى يول يۈرۈش سۈرئىتى ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ سۈرئىتىدىن قېلىشمايدىكەن .

ئابابەكرى ئېلىنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىچە ، ئۇ ئادەتتە مىللىي ئۇسلۇپتا ئالاھىدە بېزىلىدىغان ئېمارەتلەرنىڭ ئويما نۇسخىدىكى ئىشىك-دەرىزە كېشەكلىرىنى ياسايدىغان ئۇستىكار بولۇپ ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا سەيلى- ساياھەتچىلىك ئۈچۈن ئىشلىتىشكە باپ كېلىدىغان ، ياغاچ ئاساسىي ماتېرىيال قىلىنىدىغان قاتناش تىپىدىكى ئۇسكىنىلەرنى ياساشقا قىزىققان ھەمدە 2007-يىلى ياغاچتىن بىر ئالاھىدە ئۆچكە ھارۋىسى ياساپ ، ئۇنى قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدا سۈرەت تارتىدىغان ئۈستىكارلارغا 5000 يۈەنگە سېتىۋەتكەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايون ئىچى سىرتىدىن نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپلىرى مۇشۇ خىلدىكى ئۈسكىنىلەرنى ياسىتىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ، ئۇ رەت قىلغان . چۈنكى ، ئۇنىڭ مەقسىدى پۇل تېپىش بولماستىن بەلكى نامى تىللاردا داستان بولىدىغان مانا مۇشۇنداق بېرەر نەرسە ياساپ ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش ئىكەن .
ئىچكىرىدىن كەلگەن بىر ساياھەتچى بۇ پىكاپنى سېتىۋېلىش ئويىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئېيتاندا ، ئابابەكرى ئېلى بۇ ياغاچ پىكابىغا 150 مىڭ يۈەن باھا قويغان .

ئابابەكرى ئېلىنىڭ 20 ياشلىق ئوغلى مەمەتتۇرسۇن ئابابەكرى ياغاچ پىكاپنى قەشقەر كوچىلىرىدا ئايلاندۇرماقتا

ياغاچ پىكاپ يەرمەنكىدە

ئاتا-بالا ئىككىيلەن ئاپتوموبىلنى كىشلەرگە تونۇشتۇرماقتا