خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە تەرەققىياتى توغرىسىدا
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى. جياڭشى ئۆلكىسى رۈيجىن شەھىرى يېپىڭ كەنتىدىكىلەر 1 – ئىيۇن كەنتتىكى ئېلان تاختىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ سايلىغۇچىلار تىزىملىكىدىن ئۆز ئىسمىنى ئىزدەۋاتاتتى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئۇلار مەملىكەتتىكى نەچچە 100 مىليون سايلىغۇچى بىلەن بىللە، ئۆز سايلام رايونىدىكى يېڭى نۆۋەتلىك ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاپ، ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولىدىغان دېموكراتىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزەتتى.
80 يىل ئىلگىرى، دەل مۇشۇ كەنتتە جۇڭخۇا سوۋېتىنىڭ 1 – قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغانىدى. يىغىندا جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى سايلاپ چىقىلىپ، ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانىدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭىچە خەلق دېموكراتىيەسى ھاكىمىيىتى قۇرۇش يولىدىكى مۇھىم ئىزدىنىشى ۋە ئەمەلىيىتى ئىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، نەچچە ئون يىل جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتلىك خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرالايدۇ، دەپ يەكۈن چىقاردى.
ماۋ زېدۇڭ 1949 – يىلى 9 – ئاينىڭ 21 – كۈنى جۇڭنەنخەيدىكى خۇەيرېنتاڭ زالىدا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 1 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى داغدۇغىلىق جاكارلىدى. ئون كۈن داۋاملاشقان يىغىندىن كېيىن ‹‹جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى›› بىردەك ماقۇللاندى. ‹‹ئورتاق پىروگرامما››دا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى ئاساسىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
1953 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، جۇڭگودا تارىختىكى تۇنجى مىسلىسىز سايلام قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. بىر يىلدىن كۆپرەك ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 1226 ۋەكىل سايلاپ چىقىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، كومپارتىيە ئەزاسى 668 بولۇپ، %55نى، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار 558 بولۇپ، ئىگىلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىنكى 60 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاساسىي قاتلاملاردىكى سايلام جۇڭگولۇقلارنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. 2011 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ‹‹سايلام قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم شەھەر، يېزىلاردا ئوخشاش نوپۇس نىسبىتى بويىچە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىپ، ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەرلىكى، رايونلار باراۋەرلىكى، مىللەت باراۋەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ، خەلقنىڭ دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئورگىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى.
1978 – يىلى 12 – ئايدا، ج ك پ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا تارىخىي تەجرىبە – ساۋاقلار چوڭقۇر يەكۈنلىنىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېموكراتىيەنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قانۇنلاشتۇرۇش فاڭجېنى بېكىتىلدى.
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بىۋاسىتە سايلاش دائىرىسى ناھىيەلەرگىچە كېڭەيتىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئارتۇق نامزاتلىق سايلام تۈزۈمى يولغا قويۇلدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى ئورتاق يۈرگۈزۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئورتاق نازارەت قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بەلگىلەندى؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىندى، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە دائىمىي كومىتېتلىرى، چوڭراق شەھەرلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە دائىمىي كومىتېتلىرىغا يەرلىكنىزام چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلدى.
50 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى ۋە غايەت زور ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ كاڭشېڭ: ‹‹ئېلىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ... نوپۇسى ھەر قانچە ئاز مىللەتتىنمۇ ئاز بولغاندا بىر ۋەكىل بولىدۇ، بۇ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى دۆلەتنىڭ خوجايىنلىق سالاھىيىتى بىلەن سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ››، دەپ باھا بەردى.
2011 – يىلى باھاردا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگو تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى شەكىللەندى. 18 يىل تىرىشىش ئارقىلىق ‹‹توختام قانۇنى››، 20 يىل تىرىشىش ئارقىلىق ‹‹نازارەتچىلىك قانۇنى›› چىقىرىلدى، ‹‹نەرسە ھوقۇقى قانۇنى›› 14 يىل ئىچىدە سەككىز قېتىم قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى... ۋەكىللەرنىڭ قايتا – قايتا تەكلىپ – پىكىر بېرىشى، دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگانلىرىنىڭ قايتا – قايتا قاراپ چىقىشى ئارقىلىق خەلق مەنپەئىتىگە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بۇ قانۇنلار چىقىرىلىپ يولغا قويۇلدى. قانۇن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە ئادەمنى ئاساس قىلىش، قانۇننى خەلق ئۈچۈن چىقىرىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇلدى، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتى باشتىن – ئاخىر سادىق قوغدالدى.