يازنىڭ تومۇز ئىسسىقى باشلىنىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىنىڭ تال، ئاشقازان ئىقتىدارى تەدرىجى ئاجىزلايدۇ؛ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ، ھە دېسىلا ئىچى سۈرىدۇ، روھىي چۈشكۈن بولۇپ قالىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە: يازدا تال ۋە ئاشقازاننى ئاسرىغاندا، يازنى ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولۇپلا قالماي، يەنە سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەنى بوغۇم كېسىلى، بۆرەك زەئىپلىشىش، بەدەن ئاجىزلىق، قان ئازلىق قاتارلىق ياشانغانلار كېسىلىنى داۋالاشتىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. دەپ قارىلىدۇ.
جۇڭگو تىبابىتىدە: بەرەڭگە ئاشقازاننى ياخشىلاپ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ئاشقازان يارىسى ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ ھەم زەھەرنى ھەيدەيدۇ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ. بەرەڭگىگە ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا تال بىلەن ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ئاشقازاننىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
بەرەڭگە ئومىچى تەييارلاشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: يېڭى بەرەڭگىدىن 250 گىرام (پوستىنى ئېلىۋەتمەي)نى ئۇششاق توغراپ، سۇدا ئۇماچ ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىپ ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئەتىگەندە ئاچ قورساققا ئىككى ھەپتە ئىچسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.