باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

2–قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-05-30 12:39

    خۇ جىنتاۋ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى لى كېچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 – ماي تېلېگراممىسى. 2 – قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 27 – مايدىن 29 – مايغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ يىغىندىن ئىلگىرى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹بىر يىلدىن بۇيان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلدى. تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، پۇختا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك››. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسى – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

                                        

   لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ تۇنجى يىلى، شۇنداقلا شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان تۇنجى يىل. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بىلەن مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، جىددىي ئىشلارنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشكە تۈرتكىلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، زور ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئەۋزەل كەسىپ تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قەشقەر، قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاتارلىق كەسىپ رايونلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى تېزرەك ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، پەرقلىق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تېخىمۇ جانلىق ئالاھىدە سىياسەت قوللىنىپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، شىنجاڭغا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىساد، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، يۇمشاق، قاتتىق زاپچاس قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

    لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئالاقىدار جايلار، تارماقلار ۋە كارخانىلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، چىن مۇھەببەت بىلەن ياردەم بېرىش، ئىلمىي ياردەم بېرىش، ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈر ۋە مەبلەغ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى سۈپەت ۋە سانغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئورۇنداپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە پۇختا ئۈنۈم يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

                                         

 جۇ يۇڭكاڭ خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان بىر يىلدىن بۇيان، مەن ئىككى قېتىم شىنجاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ھاياجانلاندىم، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ چىن مۇھەببەت بىلەن سىڭدۈرگەن ئەجرىدىن چوڭقۇر تەربىيە ئالدىم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شىجائەت بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم. ئەمەلىيەت مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

    جۇ يۇڭكاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پىلانى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى، ئۇنى تۈزۈش تەس، يولغا قويۇش تېخىمۇ تەس. قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، يولغا قويۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر يىلى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، بەش يىلدا ئۈنۈمىنى كۆرۈش، ئون يىلدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت چوڭ ئىشلارنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، قوش تىل مائارىپى ۋە تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك. كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. مەركەز كارخانىلىرى تايانچلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئەۋزەل كەسىپلىرىنى ھەقىقىي يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى پۇختا ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ‹‹قول تۇتۇشۇش›› پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى جايلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

    جۇ يۇڭكاڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى سۇبيېكتلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۈتۈپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ تەشەببۇسكار، ئاكتىپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار سىياسەت بەلگىلەش، پىلاننى يولغا قويۇش، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ياخشى تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ ۋە كېڭەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار تىپلارنى ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلمىي، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

                                       

  يىغىندا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىش بىلەن مەخسۇس فىلىم قويۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئۇسۇل، تەجرىبە ۋە ئۈنۈمنى تونۇشتۇردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن شېنجېن، سۇجۇ، مائارىپ مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھ شىركىتى، ‹‹شېنخۇا›› گۇرۇھىنىڭ مەسئۇللىرى كېيىنكى قەدەملىك خىزمەت تەسەۋۋۇرى توغرىسىدا سۆز قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ يىغىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش يىغىنى، خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش يىغىنى، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى، ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرتكىلىك قىلىش يىغىنى بولدى، تەجرىبە ئۆگەندۇق ھەم پەرقنى كۆرۈۋالدۇق. باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش مەقسىتىدە بەرگەن تەستىقىي يوليورۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئورۇندايمىز.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار ئوتتۇرا ئاسىيادا بازار تاپتى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى چېقىشنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئېلىمىز‹‹چۆمۈچ يۇلتۇز››يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ

ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ

تاڭزۇڭزا چاغىنىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号