شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 23 – ماي تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەستىقى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا ‹‹مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ <12 – بەش يىل>دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى››نى ئېلان قىلىپ، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ قىسىم قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.
‹‹يىرىك پىلان››دا ‹‹12 – بەش يىل››دىكى قىسىم قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى كېڭەيتىش ۋە كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئە ۋە قىسىم ئىسلاھاتىنى پائال، مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زۆرۈر بولغان قانۇن چىقىرىش تۈرى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت مۇداپىئە ۋە قىسىم قۇرۇلۇشى جىددىي ئېھتىياجلىق باشقا قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىگىمۇ ئېتىبار بېرىلدى. ‹‹يىرىك پىلان››دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئورۇنلار ھەربىي ئىشلار بويىچە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قارىمىقىدىكى ئورگان، تارماقلارنى ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. ئېلان قىلىنغان قانۇن – نىزاملارنىڭ ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قىسىملارنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.