شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

24 – ماي ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئۇچۇق بولۇپ، ئىللىق باھار شامىلى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. بۇ كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتى يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى.
بۇ يىغىن ئىلگىرىكى مائارىپ خىزمىتى يىغىنلىرىغا قارىغاندا ئۆزگىچە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، بۇ يىغىنغا مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، بۇ يىغىن مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغىنىغا بىر يىل بولغان، بىپايان شىنجاڭ زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قاينام – تاشقىنلىق، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى ئەۋج ئالغان پەيتتە چاقىرىلغان كاتتا يىغىن بولدى.
ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنىڭ كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن – تېخنىكا، مائارىپنى مەدەت قىلىش›› تەكىتلىنىپ، مائارىپ ئاپتونوم رايوننى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلۈپ، مائارىپنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان ‹‹ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپە››نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساس ئىكەنلىكى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى نامايان قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىيېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا تەستە قولغا كەلگەن بۇ تارىخىي پۇرسەت ئالدىدا، يىراقنى كۆزلەپ، بۇ قېتىمقى مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا مائارىپتا كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى بىر مەزگىللىك نۇقتىلىق خىزمەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ سېلىنمىسىنى يەنىمۇ زورايتىش، مائارىپ ئادىللىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىن كونكرېت پىلان – نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ مائارىپى تەرەققىياتى ئۈچۈن كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان پىلان – لايىھە كۆرسىتىپ بەردى.
مائارىپ گۈللەنسە شىنجاڭ گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيتىلسە شىنجاڭ قۇدرەت تاپىدۇ. كەلگۈسى ئون يىل شىنجاڭدا ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى، شۇنداقلا شىنجاڭ مائارىپىدا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق ئون يىل. بىز يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىپ، ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان روھ بىلەن مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مائارىپتا كۈچلۈك رايون قۇرۇش، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!