باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى چېقىشنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-05-24 11:30

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ ، 19-ماي تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 13-ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، دەرھال مەملىكەت بويىچە يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش تۈزۈمى ۋە بەلگىلىمىسىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۆچەيتىپ ، مەسئۇلىيەتنى جىددىي سۈرۈشتۈرۈپ ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرى چېقىش قىلمىشىنى قەتئىي چەكلەپ ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداشنى بەلگىلىدى .

    ئۇقتۇرۇشتا جايلار ، تارماقلارنىڭ بۇ يىل يانۋاردا گوۋۇيۈەن ئېلان قىلىپ ، يولغا قويغان ‹‹ دۆلەت ئىلىكىدىكى يەرلەرنى سېتىۋېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى ›› ۋە ‹‹ گوۋۇيۈەن بەنگوڭتىڭىنىڭ يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىيەنىمۇ چىڭىتىپ ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇشى ›› قاتارلىق يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش تۈزۈمى ۋە بەلگىلىمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، قەتئىي قانۇن ۋە تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىپ ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرىي چېقىش ، كۆچۈرۈش ۋە زورلۇق كۈچى بىلەن چېقىش ، كۆچۈرۈشنى قەتئىي چەكلەش ، مەنبە جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىپ ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ ، قانۇن بويىچە ، مەدەنىي ، مۇۋاپىق ھالدا چېقىش ، كۆچۈرۈش تەلەپ قىلىندى .

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك مەزموننى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك : بىرىنچى ، ‹‹ نىزام ›› ۋە يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش توغرىسىدىكى باشقا تۈزۈم ، بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش . بۇ ‹‹ نىزام ›› نى تەشۋىق قىلىش ، ئۆگىنىش ئەھۋالى ؛ يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى تەربىيلەش ئەھۋالى ؛ يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش بەلگىلىمىسى ھەققىدە ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئەھۋالى ؛ جەمئىيەت مۇقىملىقى خەۋپ - خەتىرىنى باھالاش ئەھۋالى ؛ تولۇقلىما بېرىش لايىھەسى ھەققىدە ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئەھۋالى ؛ ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشتا باھالاش ئەھۋالى ۋە تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىنىڭ بېكىتىلىش ، ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ؛ تولۇقلىما خىراجىتىنىڭ ۋاقتىدا ، تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ؛ ئاۋۋال تولۇقلىما بېرىش ، ئاندىن كۆچۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ؛ ئۆي سېتىۋېلىش تارماقلىرى ۋە سېتىۋېلىشنى يولغا قويىدىغان ئورۇنلارنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالى ؛ يەرلىك قانۇن - نىزام ، قائىدە ۋە قېىپلاشقان ھۈججەتلەرنى ئېنىقلاش ۋە ئۇلارنى تۈزىتىش ئەھۋالى ؛ ‹‹ نىزام ›› بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن يەرلىك قانۇن - نىزام ، سىياسەتلەرنى تۈزۈش ئەھۋالى ؛ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كاپالەت سىياسىتىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ؛ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئىككىنىچى ، يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى . بۇ ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاساسىي رەھبەرلىرى ۋە شۇ ئىشنى باشقۇرىدىغان رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ؛ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ؛ يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈشتىكى زىددىيەت ۋە تالاش - تارتىشلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۈچىنچى ، يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈشتىكى قانۇن ، نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى . بۇ ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرىي چېقىش ، كۆچۈرۈش ۋە زورلۇق كۈچى بىلەن چېقىش ، كۆچۈرۈش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ؛ چېتىلىدىغان رەھبەرلەرنىڭ جاۋابكارلىقى ، باشقۇرغۇچى تارماقنىڭ جاۋابكارلىقى ۋە بىۋاستە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى ؛ قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىنغان دەپ گۇمانلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

    ئۇقتۇرۇشتا ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىش ، بىرىنچى باسقۇچتا ، ئۆلكىلىك ( رايون ، شەھەرلىك ) خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپ بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈشىنى دەرھال قانات يايدۇرىشى ، 20-ئىيۇندىن ئىلگىرى ئۆز–ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى گوۋۇيۈەنگە يوللىشى ، ئىككىنچى باسقۇچنى 6-ئاينىڭ ئاخىرى باشلاپ ، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى ، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى ، ج خ مىنىستىرلىقى ، رېۋىزىيە مىنىستىرلىقى ، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ، قانۇنچىلىق ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ، نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى .

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى ، ئۆلكە ( رايون ، شەھەر ) لەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە ئۈستىگە ئېلىپ ، تۈرلۈك تۈزۈم ، بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۆز جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .ئۆز رايونىدىكى يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ ، ئۆزىگە قاراشلىق شەھەر ، ناھىيەلەرنىڭ قەتئىي قانۇن ۋە تەرتىپ بويىچە ئىش قىلىپ ، ئاممىغا بولغان خىزمەتنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرىي چېقىش ، كۆچۈرۈش ۋە زورلۇق كۈچى بىلەن چېقىش ، كۆچۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ قايتا يۈر بەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم . ئۆلكە ( رايون ، شەھەر ) لەر دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇپ ، خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ ، خىزمەتتىكى تەلەپلەرنى تەپسىيلىيلەشتۈرۈپ ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ، مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ ، گوۋۇيۈەننىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك . ئۆز رايونىدىكى يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈش تۈزۈمى ۋە بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلىش ئەھۋالىنى دەرھال ئومۇميۈزۈك تەكشۈرۈپ ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . ‹‹ نىزام ›› يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىئۆيلەرنى چېقىش ، كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ئالغان تۈرلەرنى دەرھال ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ، زىددىيەت ۋە تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىش لازىم ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى مەجبۇرىي چېقىش ، كۆچۈرۈشكە بۇيرۇشىغا بولمايدۇ .

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى ، ئۆلكە ( رايون ، شەھەر ) لەر ئۆزىگە قاراشلىق شەھەرلىك ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ‹‹ نىزام ›› ۋە ‹‹ جىددىي ئۇقتۇرۇش ›› تىكى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئۆزى تەكشۈرۈپ چىققان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىش كېرەك . قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرىي چېقىش ، كۆچۈرۈش ۋە زورلۇق كۈچى بىلەن چېقىش ، كۆچۈرۈش دېلولىرىنى قەتئىي قانۇن بويىچە قاتتىق ، تېز بىر تەرەپ قىلىش ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەجبۇرىي چاقتۇرغان مەسئۇل كىشىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ؛ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش لازىم ؛ قىلمىشى ئېغىر ، تەسىرى قەبىھ بولغان ئىشلاردا ، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك رەھبەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك . مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، يەر سېتىۋېلىش ، چېقىش ، كۆچۈرۈشتىكى زىددىيەت ، تالاش تارتىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىمى تۇرغۇزۇپ ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق–مەنپەئەتىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق ، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش لازىم .

    تەرجىمە قىلغۇچى : مۇسا ئەخمەت

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار ئوتتۇرا ئاسىيادا بازار تاپتى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى چېقىشنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئېلىمىز‹‹چۆمۈچ يۇلتۇز››يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ

ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ

تاڭزۇڭزا چاغىنىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号