باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-05-24 11:26

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18 – ماي تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 18 – ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ‹‹سەنشيا قۇرۇلۇشىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت پىلانى›› ۋە ‹‹چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى ھەۋزىسىدىكى سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش يىرىك پىلانى›› مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ‹‹سەنشيا قۇرۇلۇشىنىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت پىلانى››نىڭ ئاساسىي نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، بىرىنچى، سۇ ئامبىرى رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچمەنلەرنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش كېرەك. ئىككىنچى، سۇ ئامبىرى رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى قوغداش كېرەك. ئۈچىنچى، سۇ ئامبىرى رايونىدا گېئو ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، سەنشيا قۇرۇلۇشىدا سۇ ساقلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بەشىنچى، سەنشيا قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، كەلكۈننى بايلىق مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇش، سۇ ئامبىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ تەڭشەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈنۈمىنى كېڭەيتىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، سەنشيا قۇرۇلۇشىنىڭ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، توك تارقىتىش، سۇ تىرانسپورتى، ئېكولوگىيە ۋە سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى زورايتىپ، ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ سۇ بىخەتەرلىكى ۋە ئېلېكتىر تورىنى ئايلاندۇرۇش بىخەتەرلىكى جەھەتلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا يەنە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش قانۇنى››نى تۈزىتىش لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى ھەم يەنىمۇ تۈزەتكەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت نامىدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار ئوتتۇرا ئاسىيادا بازار تاپتى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى چېقىشنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئېلىمىز‹‹چۆمۈچ يۇلتۇز››يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ

ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ

تاڭزۇڭزا چاغىنىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号