شىياڭگاڭ ‹‹ دا گوڭ گېزىتى ›› نىڭ 18-مايدىكى ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى : ئۆتكەن يىلى مايدا ، مەركەز تۇنجى قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلىگىرى سۈرۈشنى ئوموميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇردى ، ئۇنىڭدىن كېيىن زور كۆلەملىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويدى .بىر يىللىق ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات لىنىيە چېرتيوژى بارغانسېرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ، شۇنداقلا بىر لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇلدى . خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنىڭ زورلىقى ، نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتە يېڭى رېكورد يارىتىلىپ ، خەلقنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش رولىنى ئوينىدى .
ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمونى تۆۋەندىكىچە :
ئۆتكەن يىلى 17-مايدىن 19-مايغىچە ، مەركەز تۇنجى قېتىم شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلىگىرى سۈرۈشنى ئوموميۈزلۈك ئىستىراتىگىيەلىك ئورۇنلاشتۇردى ، ئۇنىڭدىن كېيىن زور كۆلەملىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يولغا قويدى . بىر يىللىق ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات لىنىيە چىرتيۇژى بارغانسېرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ، شۇنداقلا بىر لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇلدى .
‹‹ خەلقپەرۋەر شۇجى ›› دەپ ئاتالغان جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرغاندىن كېيىن ، ‹‹ شىنجاڭنىڭ بالىسى بولۇش ›› ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى قەرزلەرنى ئېنىقلاپ ، سېلىنمىنى كۆپەيتىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۆتكەنكى بىر يىل ئىچىدە ، شىنجاڭدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر تۈرلۈك خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى . بۇ خىل ‹‹ شىنجاڭچە ئۈنۈم ›› ئەينى يىللاردىكى ‹‹ شېنجېنچە سۈرئەت ›› دەپ قارالدى . 2010-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە چىقىمىدىن خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن مەبلەغ 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ ، ئادەتتىكى خامچوت كىرىمىنىڭ %71 دىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى . خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتى سالمىقىنىڭ زورلىقى ، نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتە شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى رېكورد يارىتىلدى .
بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى ، ئاھالىلەر مۇلازىمىتى ، مائارىپ ، سەھىيە ، ئىجتىمائىي كاپالەت ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىكى قۇرۇلۇشلارغا سېلىنغان مەبلەغ %70 ئاشۇرۇلدى ، بۇنىڭ ئىچىدە مائارىپقا سېلىنغان مەبلەغ ئىككى ھەسسىگە يېقىن ئاشۇرۇلدى . ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا ، ئاپتونوم رايون يەنە مىڭلىغان شىنجاڭلىق ئىستۇدېنتنىڭ ئىچكىردىكى جايلارغا بېرىپ تەربىيلىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ، ئىچكىردىكى ئۆلكە–شەھەرلەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن شىنجاڭلىق بالىلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق ياخشى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ، بۇ خەلقنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش رولىنى ئوينىدى . يولغا قويۇش ئۈنۈمىدىن قارىغاندا ، بۇ خىل شىنجاڭنى سىلىق باشقۇرۇش پىكىر يولى تېخىمۇ ئۈنۈملۈكتەك قىلىدۇ .
مەركەزدىكى نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يېقىندا شىنجاڭغا ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ ، شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۇەن نەچچە ئونلىغان مىنىستىرنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھەر قايسى ئۆلكە–شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى دوكلات قىلىش يىغىنى ۋە كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئېچىپ ، ئۇلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . بۇ ئەمەلىيەتتە بىر يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەرنى ئېدىتلىغانلىق ، شۇنداقلا مەركەزنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە داۋاملىشىشچانلىقىنى ساقلاشنى ئېنىق ئۇقتۇرۇپ ، شىنجاڭ خەلقىنى خاتىرجەم قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى ‹‹ 12-بەش يىل ›› نىڭ باشلىنىش يىلىدا ئۈنۈمىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ ، بۇ پەرقلىق كەسىپ سىياسىتى ، مالىيە باج سىياسىتى ، يەر سىياسىتى ، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى ، سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلۇشى سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ گاڭمۇ ئۆمەك باشلاپ كېلىپ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ھەمدە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىشكە تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ھازىر زور تۈركۈمدىكى مەبلەغ سېلىنىشقا باشلىدى ، بۇ ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلىكىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇپ ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇپ ، شىنجاڭنى غەربىي قىسىمنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققياتىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرىدۇ . قەشقەر بىلەن قورغاستىن ئىبارەت ئىككى تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ، شىنجاڭنى ھەقىقىي تۈردە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ بىر پۈتۈن دۆلەت ئىقتىسادى تېررىتورىيەسىدىكى سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ .
شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى ، غەربىي شىمالدىكى ئىستراتېگېيەلىك توسۇق ، سىرتقا ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم يول ئېغىزى ۋە ئىستراتېگېيەلىك بايلىق بازىسى بولغان ھەمدە ھازىر يەنىلا بايلىق بېجى ئىسلاھات سىناق رايونى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىيات ئومومىي ۋەزىيىتىگە قارىتا چوقۇم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ .
تەرجىمە قىلغۇچى : مۇسا ئەخمەت