شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
بۈگۈن تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ باشلىنىشىغا 100 كۈن قالدى. 24 – ماي سائەت نۆلدىن باشلاپ، خۇددى مۇسابىقىدە تاپانچا ئېتىلغاندەك، ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىشىمىزغا سىگنال بېرىلدى.
ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك، كاتتا، ئۇنتۇلغۇسىز يەرمەنكە قىلىپ ئۆتكۈزۈشئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق خىزمىتىدىكى مۇھىم نىشان. 100 كۈندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسى ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن زور سىناق. بۇنىڭغا رازى قىلغۇدەك جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئورتاق غەيرەتكە كېلىشىمىز كېرەك.
مۇشۇنداق زور سىناق ئالدىدا، كۆپچىلىكنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەممىدىن مۇھىم. ئاپتونوم رايوندىن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيەلەرگىچە ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىزمەتلەرنى ھەر بىر تارماق، ئورۇن ۋە مەسئۇل خادىمغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، لايىھەنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈشى كېرەك. ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى، ھەر بىر ھالقىدا، ھەر بىر تەرتىپتە مەسىلە كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىدە، جۇڭگو – چەت ئەل رەھبەرلىرى ‹‹جۇڭگوئاسىيا – ياۋروپا ئىقتىسادىي تەرەققىيات – ھەمكارلىق مۇنبىرى›› گە قاتنىشىدۇ. شەك – شۈبھىسىزكى، يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى قاتلاملىق ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە كەڭ سەھنە ھازىرلاپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭنىڭ ئوبرازى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىدىغان كۆزنەك بولۇپ قالىدۇ. بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى چىڭىتىدىغان تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ شەرەپ تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتىدۇ. بىز شىنجاڭلىقلار ياخشى ساھىبخانا بولۇپ، ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىگە تۆھپە قوشۇشىمىز، بۇنى ئۆزىمىزدە، ئەتراپىمىزدا، ھەر بىر ئىش – ھەرىكىتىمىزدە نامايان قىلىشىمىز كېرەك.
100 كۈندىن كېيىن، شىنجاڭلىقلار كەڭ قورساقلىقى ۋە مەدەنىي قىياپىتى بىلەن دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ، دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن، ئىشەنچىگە تولغان، ئىناق تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنى نامايان قىلىدۇ.
100 كۈندىن كېيىن، ھەممىمىز گۈزەل ئۈرۈمچىدە جەم بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك، كاتتا، ئۇنتۇلغۇسىز ئاسىيا – ياۋروپا يەرمەنكىسىگە شاھىت بولايلى.