فېڭ جېننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەزمۇن ۋە تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن داۋاملىق قوللىنىشقا بولمايدىغان ياكى قانۇنىي ئاساسلار بىكار قىلىنىپ يوقالغان ۋە ياكى ئوبيېكتىپ ئەھۋالدا بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان نىزام - بەلگىلىمە خاراكتېرلىك بەش تۈرلۈك قارار، بەلگىلىمە بىكار قىلىنىدىكەن.
بۇ بەش تۈرلۈك نىزام - بەلگىلىمە خاراكتېرلىك قارار، بەلگىلىمىلەر: «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىدا دېلو بېجىرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا بولىدىغان چەت، يىراق رايونلارنى بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى»، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېزا، مىللىي يېزا - بازارلاردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدە دائىمىي رەئىس تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن خىزمەتچى خادىملارغا مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈشكە ئائىت ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى»دىن ئىبارەت.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ چېڭدې مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 1979 - يىلى 11 - ئايدا يەرلىك نىزام چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندىن بۇيان، دۆلەت قانۇنى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن، 1997 -، 2001 -، 2004 -، 2007 - يىللىرى تۆت قېتىم يەرلىك نىزام - بەلگىلىمىلەرنى مەخسۇس رەتلەپ چىققانىدى. ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2009 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ يەنە بىر قېتىم يەرلىك نىزام - بەلگىلىمىلەرنى مەركەزلىك رەتلەپ چىقتى.