ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى 1 – ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەتتە رايون، بىر ناھىيە، سەككىز مەھەللىگە ‹‹ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش پۇنكىتى›› ۋىۋىسكىسىنى ئاستى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا ‹‹ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش پۇنكىتى››قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ پۇنكىت سىياسەت ھەمدە قانۇن – نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش، ئەرز قوبۇل قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەت – ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ كېلىشتۈرۈش، ئائىلە زۇلۇمى ھەمدە ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشلىرىنى چەكلەش، ھوقۇقنى قوغداش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش، ‹‹ئەمىن ئائىلە››قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىش بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق يېزا – بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە) دە ‹‹ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش پۇنكىتى››قۇرۇپ، تورلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن.
‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن ئېلىندى