باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ساغلام ، ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدايلى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-05-14 13:33

    ئوبزور

    ئالاقە تورى كەسپى 14 – مايدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىدۇ، QQ دا پاراڭلاشقىلى، ‹‹بەيدۇ››دا ئۇچۇر ئىزدىگىلى، توردا ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدىغان بولدى.

    بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 7 مىليون تور ئەھلى ئۇزاقتىن بۇيان تەقەززا بولۇۋاتقان خەۋەر؛ شىنجاڭدىكى 20 مىليوندىن ئارتۇق خەلق ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق ئىش.

    ھازىر شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلدى، 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ئەمدىلا ئاياغلاشتى؛ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، شىنجاڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، كەڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىياتنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى كۈتۈۋالماقتا. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئالاقە تورى كەسپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشى ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە.

    بۇ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان خەۋەر. ئۇ، تۇرمۇشىمىزنىڭ نورماللاشقانلىقىدىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، خەلق رايىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلققە غەمخورلۇق قىلىپ، خەلقنى ھۆرمەت قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    بۇ، كۈچلۈك سىگنال. ئۇ، بىز ياشاۋاتقان بۇ زېمىننىڭ تىنچلانغانلىقىدىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىدا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ئىشەنچىسى ۋە ئىقتىدارى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    بۇ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان سىگنال. ئۇ زور تەرەققىيات تارىخىي پۇرسىتى ئالدىدا، بارلىق ئۇچۇر بايلىقىدىن ئەڭ زور چەكتە پايدىلىنىپ، بارلىق كۈچىمىزنى يىغىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىن كېيىن، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارىغا ئاساسەن، شىنجاڭغا تۇتىشىدىغان ئالاقە تورى، يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى ۋە خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفوننى ئىدارە قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈش، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، سۇيىقەست پىلانلاش يوللىرىنى ۋاقتىدا ئۈزۈپ تاشلىدى. ئەمەلىيەت خەۋەرلىشىشنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ۋاقتىدا، توغرا، ئۈنۈملۈك بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنى تېز بىر تەرەپ قىلىش ۋە زوراۋانلىق، جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىشىدىمۇ خەۋەرلىشىشنى ئىدارە قىلىش ئىجابىي رول ئوينىدى.

    ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ. گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا، خەۋەرلىشىشنى ئىدارە قىلىش پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن قوللىنىلغان مۇھىم تەدبىر، ۋاھالەنكى، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى، ئاممىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت، تۇرمۇش ئالاقىسىگە قولايسىزلىق تۇغدۇردى.

    خەۋەرلىشىشنى ئىدارە قىلىش مۇشۇنداق تەسىر ۋە قولايسىزلىق پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، بۇ مەزگىلدە تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۇنى تولۇق چۈشەندى ۋە قوللىدى.

    ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئېتىبار بېرىدىغان بۇ قىممەتلىك پەزىلەت شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ساقلاشتىكى كۈچلۈك ئاساسنى بەرپا قىلدى. ئاق – قارىنى ئايرىيدىغان، ئىشنىڭ يولىنى بىلىدىغان بۇ پەزىلەت ئۆز نۆۋىتىدە تورنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك ئېچىلىشىنىڭ شارائىتىنى ھازىرلىدى.

    شۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇكى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› تور ئارقىلىق ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاش سۇيىقەستىنى توختاتقىنى يوق. بۇ بىزدىن ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ ۋە ئاسراپ، تېگىشلىك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بىخەتەر، ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىشقا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن تۆھپە قوشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

    بىز ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىدىن ئايرىلالمايمىز، مۇقىم ئىجتىمائىي تەرتىپتىن تېخىمۇ ئايرىلالمايمىز، چۈنكى، مۇقىم ئىجتىمائىي تەرتىپ بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايمىز.

    شۇڭا، بىز QQدا ئەركىن پاراڭلاشقىنىمىزدا، مۇنبەردە قارىشىمىزنى ئېلان قىلغىنىمىزدا، مىكرو بلوگدا كۆڭلىمىزدىكى گەپلەرنى بايان قىلغىنىمىزدا، مەدەنىيەتلىك كىشىلەرگە قويۇلغان ئەخلاق تەلىپىنى، پۇقرالارغا قويۇلغان قانۇنچىلىق چېكىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.

    ساغلام، ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدىشىمىز شەرت.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساغلام ، ئېچىۋېتىلگەن تور مۇھىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغدايلى

تارىخنى ئەستە تۇتۇپ ، كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ساقچىلار ئىنتىزامى نىزامى يېقىندا يولغا قويۇلىدۇ

ھىندىستان 1962 –يىلىدىكى جۇڭگو ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى

سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەخپىي‹‹خاسىيەتلىك ئادەم ››قىسىمى بولغان

يېڭىلىق يارىتىش روھى: دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى ئەڭ جەلپكار مەنزىرە

ئىسلاھات ، تەرەققىياتنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى

تەڭشەشنى تېخىمۇ چىڭىتقاندىلا، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号