مايدىكى موسكۋا يېشىللىققا پۈركىنىپ، باھار تۈسىگە كىرگەنىدى، روسىيەنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش پارات مۇراسىمى9 – ماي چۈشتىن بۇرۇن موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كەلگەن، يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇقنى يەڭگەن بۇ مۇھىم بايرامنى بىرلىكتە خاتىرىلىدى.
داغدۇغىلىق خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تارىخنى ئەستە تۇتۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش باش تېما قىلىنغان ئىدى. خۇددى پېشقەدەم جەڭچى يۇرى ياسىنوفنىڭ ئېيتقىنىدەك: بۈگۈنكى خاتىرىلەش مۇراسىمى كىشىلەرگە ‹‹بىزنىڭ ئەركىنلىك ۋە تىنچلىق ئۈچۈن جەسۇرانە كۈرەش قىلغان مىنۇتلىرىمىزنىڭ ئۇنتۇلمىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك، بىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈش ھوقۇقىمىز بارلىقىنى›› ئۇقتۇردى.
تارىخ 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىن 40 – يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە پۈتكۈل دۇنياغا يامرىغان دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاشۇ مىنۇتلىرىنى مەڭگۈ ئېسىدىن چىقارمايدۇ. 1 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە فاشىستىلىرى دۇنيانى قايتىدىن بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا ياۋايىلارچە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوننى قان – ياشلىق ئۇرۇش قاينىمىغا سۆرەپ كىردى. نۇرغۇن دۆلەت ۋە مىللەت ھايات – ماماتلىق تەھدىتىگە ئۇچرىدى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتى مىسلىسىز گۇمرانلىققا، پۈتكۈل دۇنيا غايەت زور ئاپەتكە ئۇچرىدى.
فاشىستلارنىڭ تۆمۈر تاپىنى2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. شۇنداقلا ئۆزلىرىگە گۆر كولىدى. دۇنيا خاراكتېرلىك فاشىستلارغا قارشى كۈرەش بارغانسېرى ئۇلغايدى.
2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپادىكى ئاساسلىق ئۇرۇش مەيدانىدا جەسۇر ۋە قەيسەر سوۋېت ئارمىيەسى ۋە خەلقى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ھەم قىممەتلىك ھاياتى بەدىلىگە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغدىدى، شۇنداقلا باشقا دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىللە، فاشىست تاجاۋۇزچىلارنى تارىخنىڭ سوراق سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى. سوۋېت ئارمىيەسى ۋە خەلقى دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، 27 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى قۇربان قىلىپ، ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە يارىتىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق داستانىنى يازدى.
2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاسىيا ئۇرۇش مەيدانىدا ئېگىلمەس – سۇنماس جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقى ئۇزاق مۇددەت جاپالىق كۈرەش قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇب قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىدى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ئۇرۇش مەزگىلىدە جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقىدىن تالاپەتكە ئۇچرىغانلار 35 مىليوندىن ئاشقان. جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى فاشىست كۈچلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشقان.
تارىخ شۇنى ئۇنتۇمايدۇكى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلىسىز پاجىئەلىك ئاشۇ ئۇرۇشتا جۇڭگو ۋە سوۋېت خەلقلىرى مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ھايات – ماماتتا بىللە بولىدىغان دوستلۇق ئورناتتى. شۇ چاغدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ نۇرغۇن ئوت يۈرەك ئوغۇل – قىزلىرى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ تەركىبىدە گېرمانىيە فاشىستلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال جەڭ مەيدانىغا كىرىپ، جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقى بىلەن بىللە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە مۇھىم ياردەم بەردى. ئىككى دۆلەت ئوغلانلىرى قانلىق جەڭ مەيدانىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بەردى. ئۇلارنىڭ قەھرىمانە ئىش – ئىزلىرى جۇڭگو ۋە روسىيە خەلقلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.
ئىنسانىيەت ھايات كەچۈرۈۋاتقان يەر شارى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ماكانى. ئۇ دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. تەرەققىيات جەريانىدا جۇڭگو – روسىيە ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇساپىسىدە ئىككى مەملىكەت خەلقى داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، تىنچلىقنى بىرلىكتە قوغداپ، تەرەققىياتنى تەڭ ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى مەملىكەت خەلقى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن بىللە، ئۇزاققىچە مۇقىم بولىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. دۇنيانىڭ ئەبەدىي مۇقىم بولۇشىنى، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 9 – ماي تېلېگراممىسى)