باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەدەنىيەت ئىزنالىرى

ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىسىدا قوللىنىلغان ئاساسلىق ئاھاڭ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-05-06 11:22

    ‹‹ ئاھاڭ ›› سۆزى ‹‹ كۈي ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ . قىسقارتىلىپ ‹‹ رىتىم›› دەپمۇ ئېلىنىدۇ ، ‹‹ مۇزىكىلىق ئاۋازنىڭ يۇقىرى تاۋۇشلۇق ئۆلچىمى ، مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپى ۋە قانۇنىيىتى ›› نى كۆزدە تۇتىدۇ . نۆۋەتتە خەلقئارادا كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ، تەسىرى نىسبەتەن زور ئاھاڭ تۈرى ‹‹ بەشتىن بىرلىك كۆپەيمە ئاھاڭ ›› ، ‹‹ ساپ ئىنتوناتسىيە ›› ۋە ‹‹ ئون ئىككىلىك ئوتتۇرىچە ئاھاڭ ›› دىن ئىبارەت ئۈچ يىلغا بۆلۈنىدۇ .

    ‹‹ بەشتىن بىرلىك كۆپەيمە ئاھاڭ ›› بىر ئاھاڭدىن باشلىنىدۇ . ھەر بىر ساپ بەشتىن بىرلىك ئاھاڭدىن كېيىن يەنە بىر ئاھاڭ بارلىققا كېلىدۇ . ئۇلار داۋاملىق كۆپىيىپ ، ئايرىم ھالدا بىردىن ئاھاڭ بولىدۇ . ‹‹ ساپ ئىنتونايسىيە ›› ‹‹ بەشتىن بىرلىك كۆپەيمە ئاھاڭ ›› دىن ساپ بەشتىن بىرلىك ئاھاڭنىڭ سىرتىدا بولىدۇ . ئۇنىڭغا ساپ ئىنتوناتسىيىدىكى چوڭ ئۈچ دىمېنسىئونال قوشۇلۇپ ، كۆپەيمە ئاھاڭنىڭ ئاساسى تىكلىنىدۇ ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر ئاھاڭ تىترەۋاتقان تارنىڭ باسقۇچىغا بۆلۈنۈپ تىترىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن بىرىكمە توندىكى ھەسسىلىك ئاھاڭغا ئۇيغۇنلىشىدۇ . ‹‹ ئون ئىككىلىك ئوتتۇرىچە ئاھاڭ › بىر گۇرۇپپا ( ئوكتاۋا ) نى ئون ئىككى ئاھاڭغا بۆلىدۇ . يەنى نىسىبىتى ئۆزئارا تەڭ باراۋەر بولغان ئون ئىككى يېرىم تونغا پارچىلايدۇ . يېرىم ئىككى تون بىرىكىپ پۈتۈن بىر تونغا ئايلىنىدۇ .

    ‹‹ بەشتىن بىرلىك كۆپەيمە ئاھاڭ ›› بىلەن ‹‹ ساپ ئىنتوناتسىيە ›› تەبىئىي شەكىللەنگەن ‹‹ تەبىئىي ئاھاڭ ›› غا تەئەللۇق ، ‹‹ ئون ئىككى ئوتتۇرىچە ئاھاڭ ›› ئادەملەر ئۆزى تاپقان ‹‹ سۈنئىي ئاھاڭ ›› غا تەئەللۇق بولىدۇ .

    ھەر خىل ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىكى مۇزىكا ئەمەلىيىتىدە ، يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ئاھاڭدىن باشقا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى ‹‹ تۆت ئۈلۈشلۈك تون ›› بىلەن ‹‹ نېيترال تون ›› نىڭ تەسىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ .

 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ساقچىلار ئىنتىزامى نىزامى يېقىندا يولغا قويۇلىدۇ

ھىندىستان 1962 –يىلىدىكى جۇڭگو ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى

سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەخپىي‹‹خاسىيەتلىك ئادەم ››قىسىمى بولغان

يېڭىلىق يارىتىش روھى: دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى ئەڭ جەلپكار مەنزىرە

ئىسلاھات ، تەرەققىياتنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى

تەڭشەشنى تېخىمۇ چىڭىتقاندىلا، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ

تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئۆي–زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

مەن خەلقىم بىلەن بىللە


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号