شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ماي تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 4 – ماي ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، مەمۇرىي تەپتىش مىنسىتىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى 21 – ئاپرېل بىرلىكتە تارقاتقان ‹‹ج خ ئورگانلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىنتىزام نىزامى›› 1 – ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ ئېلىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرى ۋە ئۇلاردا ئىشلەيدىغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىنتىزامى ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازا سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلغان تۇنجى تارماق نىزامى ئىكەن.
ج خ مىنىستىرلىقى ج خ قوشۇنىنىڭ ئىنتىزام – ئىستىل قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، ساقچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ج خ قوشۇنىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. بۇ قېتىم ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئىنتىزام نىزامى››نى تۈزۈپ چىقتى.
‹‹ئىنتىزام نىزامى›› جەمئىي ئۈچ باب، 31 ماددا بولۇپ، ئۇنىڭدا سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ۋەزىپە ئۆتەش، ئىچكى ئىشلار ئىنتىزامى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ 76 خىل كونكرېت قىلمىش ۋە ئۇلارغا تەتبىقلىنىدىغان جازا بېكىتىلگەن. قانۇن ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە ئۇلارغا تەتبىقلىنىدىغان جازانى بېكىتىشتە ج خ ئورگىنى ۋە ئۇنىڭدا ئىشلەيدىغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكى تولۇق نامايان قىلىنغان، ج خ ئورگانلىرىنىڭ ساقچىلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتىن ئىبارەت قاتتىق تەلىپى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۈچ مىنىستىرلىق مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، ج خ ئورگانلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ج خ ئورگانلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قانۇن ۋە ئىنتىزام بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. قانۇن ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارنى مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، قەتئىي يول قويماسلىقى، ‹‹ئىنتىزام نىزامى›› نىڭ تەربىيە بېرىش ۋە چۆچۈتۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ج خ ئورگانلىرىنىڭ پولاتتەك ئىنتىزامىنى قوغدىشى كېرەك.
ج خ مىنىستىرلىقىدىكىلەر مۇنداق دېدى: ‹‹ئىنتىزام نىزامى›› ئىلگىرى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان ‹‹ج خ ئورگانلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش نىزامى››، ‹‹ج خ ئورگانلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلار نىزامى››، ‹‹ج خ ئورگانلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرىنى تەقدىرلەش نىزامى›› غا يانداشتۇرۇلغان، بۇ ‹‹تۆت چوڭ نىزام›› ج خ ئورگىنى ۋە ئۇنىڭدا ئىشلەيدىغان خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى كەسكىن، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ج خ قوشۇنىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.