باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مىللەتلەر ئارا

تاتار مىللىتى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-05-05 12:27

    تاتارلار ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلەرنى ياراتقان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرگە ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ياراتتى. تاتار خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، سودا - سانائەت، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، سەھىيە ۋە باشقا ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

    «تاتار» دېگەن بۇ سۆز توڭگۇسچە سۆز بولۇپ، «كەپە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «تاتار» دېگەن بۇ نام قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ئابىدىلەردە «توققۇز تاتار»، «ئوتتۇز تاتار» دەپ ئاتالغان .

    ئېلىمىزدىكى تاتارلار ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى ، ئالتاي ، چۆچەك ، غۇلجا قاتارلىق ۋىلايەت - شەھەرلىرىگە ۋە گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ چىشمە تاتار مىللىي يېزىسىدا ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىڭ 890 .

    تاتارلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، روسىيىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، قالغان بىر قىسمى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئوكرايىنا، بېلىروسىيە، لىتۋا، تۈركىيە، پولشا، رومىنىيە، بۇلغارىيە، فىنلاندىيە، گېرمانىيە، برازىلىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان . ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 8 مىليون ئەتراپىدا.

    تاتار تىلى - ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ قىپچاق تىل تارمىقىغا كىرىدۇ. تاتارلار ئۆز تارىخىدا قەدىمكى تۈرك يېزىقى (تۈرك - رونىك يېزىقى ياكى ئۇرخۇن - يەنسەي يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، سۈرىيە يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى، ئەرەب ئېلېپبەسى ئاساسىدىكى تاتار يېزىقى، لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى تاتار يېزىقى، رۇس ئېلېپبەسى ئاساسىدىكى تاتار يېزىقىنى ئىشلەتكەن.

    تاتارلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن ، ھېيت - بايرام، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ، ئۆلۈم - يېتىم ، پەرھىز قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەت ۋە قائىدە - يوسۇنلارنى شەكىللەندۈرگەن.

    تاتار ئەرلىرى بېشىغا ئومۇمەن قارا تەقىيە ياكى يېشىل، قىزغۇچ، بېغىررەڭ گۈل چېكىلگەن، شىرىپ تىكىلگەن تەقىيەلەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چوڭلار ئۇچىسىغا ياقىلىق، سول ياندىن تۈگمىلىنىدىغان ئاق كۆڭلەك، قارا جىلىتكە كىيىدۇ. ياشلار ئاق قايرىما ياقىلىق، ياقىسىغا، يەڭلىرىگە كەشتە ئىشلەنگەن كۆڭلەكلەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەرخىل رەختلەردىن تىكىلگەن، كۆك، كۈلرەڭ، جىگەر رەڭ، قارا رەڭلىك شىم كىيىدۇ. ئاياغلىرىغا ئۆتۈك ياكى شىبلىت كىيىدۇ. قىش كۈنلىرى ئاساسەن ئۇزۇن ياكى قىسقا پەلتو، پەشمەت ۋە تۈلكە، قوي ۋە باشقا قىممەتلىك ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئاياللار بېشىغا مەرۋايىتتىن گۈل ئىشلەنگەن تۆبەتەي، قالغاق كىيىدۇ. قىزلار مەرۋايىتتىن گۈل ئىشلەنگەن تەقىيە كىيىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار تۆبەتەي ۋە قالغاقلىرىنىڭ ئۈستىگە بۆرتمەشال ئارتىۋالىدۇ. گۈللۈك، سىدام رەختلەردىن ئۇزۇن، پۈرمىلىك قىلىپ تىكىلگەن كۆڭلەكلەرنى ، توپلىي، چېتىك، ئۆتۈك قاتارلىق ئاياغ كىيىملەرنى كىيىدۇ.

    تاتارلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئەنئەنىۋى تائاملىرىدىن شورپا، شورپىلىق تائاملار، كەشمىر، قىزدۇرما (قاقلانما)، گۇبەدىيە ۋە بەلىش، پەرەمەچ، سومسا، بوككەن، گۆشلۈك قاتلىما، قولداما ۋە سالما قاتارلىقلارنى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەرخىل مېۋە شېرنىلىرى، مۇراببالىرى، پىرەنىكلەر، باقالى، تورتلار، قاقلىق چاي تائاملىرى، قالاچ - توقاچلارنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تاتارلارنىڭ بۇ خىل تائاملىرى ۋە يېمەك - ئىچمەكلىرى ئۆزىنىڭ لەززەتلىكلىكى، مەززىلىكلىكى، شېرىنلىكى بىلەن كىشىگە ئۆزگىچە تەم ۋە ھۇزۇر بېغىشلىغاچقا، نۇرغۇن باشقا مىللەت خەلقلىرىنىڭمۇ ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلىدىغان تائام ۋە يېمەك - ئىچمەكلىرىگە ئايلاندى.

    تاتارلار روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيت قاتارلىق دىنى بايراملارنى ئۆتكۈزگەندىن باشقا، تاتارلار ئارىسىدا بىرقەدەر كەڭ ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى __ «سابان توي»( «قوش چىققانلىق تويى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ )نى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ.

    قىسقىسى، تاتار خەلقى مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكچانلىقى، ئىجادچانلىقى، ئەقىل - پاراسەتلىكلىكى ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىكى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن ئۆم - ئىناق ياشاپ ، دۇنيا تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشماقتا.

 مەنبە: www.seltenet.com تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھىندىستان 1962 –يىلىدىكى جۇڭگو ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى

سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەخپىي‹‹خاسىيەتلىك ئادەم ››قىسىمى بولغان

يېڭىلىق يارىتىش روھى: دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى ئەڭ جەلپكار مەنزىرە

ئىسلاھات ، تەرەققىياتنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى

تەڭشەشنى تېخىمۇ چىڭىتقاندىلا، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ

تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئۆي–زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

مەن خەلقىم بىلەن بىللە

بىز خەلق بىلەن بىللە


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号