باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ھىندىستان 1962 –يىلىدىكى جۇڭگو ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-05-04 11:31

    ھىندىستان مەتبۇئات تىرىستىنىڭ 20 – ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان مىللىي مەجلىس پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ۋە بۇ پارتىيەنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مانىشى تېۋارى يېقىندا ھۆكۈمەتتىن 1962 – يىلىدىكى ھىندىستان–جۇڭگو چېگرا توقۇنۇشىنى تەكشۈرۈش مەزمۇنى قىلغان ‹‹خېندېرسون برۇكېس دوكلاتى››نى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپ 19 – ئاپرېل ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتونىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

    ئانتونى: 1962 – يىلىدىكى ھىندىستان – جۇڭگو چېگرا توقۇنۇشىدا ھىندىستاننىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەبى تەكشۈرۈش مەزمۇنى قىلىنغان ‹‹خېندېرسون برۇكېس دوكلاتى›› مەخپىيەت دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ھۆججەت، دەپ يازما جاۋاپ قايتۇردى. ئاشكارىلاشقا مۇۋاپىق كەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى ھەققىدە: بۇ تەكشۈرۈش ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئېلىپ بېرىلغان، مەزمۇنى ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ھېلىمۇ ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتى بار، سىرتقا ئاشكارىلاشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، دېدى.

    ‹‹ھىندىستان ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ھىندىستاندىكى مەلۇم مۇستەقىل كومىتېت ھۆكۈمەتتىن ھىندىستان خەلقىگە ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ھىندىستان قاتناشقان ئۇرۇشلارنىڭ تارىخىنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستاندىكى بەزى تارىخشۇناس ۋە تەتقىقاتچىلارمۇ ‹‹ھىندىستانغا شۇ چاغدا نېمە بولغان›› لىقىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھازىرغىچە پەقەت 1948 – يىلىدىكى كەشمىر ۋە چاممۇ ھەربىي ھەركىتىنىڭ تارىخىنىلا ئاشكارىلىغان. 1962 – يىلى، 1965 – يىلى، 1971 – يىلىدىكى ھىندىستان قاتناشقان بىر قىسىم ئۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ 30 يىللىق مەخپىيەتلىك ساقلاش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، ھىندىستان ھەربىي تەرەپ يەنىلا جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. ھىندىستان ‹‹تېلېگراف خەۋەرلىرى›› گېزىتىنىڭ ‹‹1962 – يىلىدىكى ئىشلارنىڭ يەنىلا يوشۇرۇن تۇتۇلۇۋاتقانلىقى كىشىنى ئۆكۈندۈرىدۇ›› ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇرۇن ئەنگلىيە مۇخبىرى بولغان نېۋىل ماكىسۋېل بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: ھىندىستاننىڭ ئەينى چاغدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي رەھبەرلىك قاتلىمى جۇڭگو بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشىنى پەيدا قىلغۇچىلاردۇر، ئۇلار بۇ ئىشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

    ‹‹ھىندىستان ۋاقتى›› گېزىتىنىڭ تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ دوكلاتتا ئەينى چاغدىكى ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي تەرەپ قاتتىق تەنقىدلەنگەن مەزمۇنلارنىڭ بولغانلىقى ھىندىستان ھەربىي تەرەپنىڭ دوكلاتنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىشىدىكى قىسمەن سەۋەب.

    ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھىندىستان 1962 –يىلىدىكى جۇڭگو ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى

سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەخپىي‹‹خاسىيەتلىك ئادەم ››قىسىمى بولغان

يېڭىلىق يارىتىش روھى: دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى ئەڭ جەلپكار مەنزىرە

ئىسلاھات ، تەرەققىياتنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى

تەڭشەشنى تېخىمۇ چىڭىتقاندىلا، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ

تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئۆي–زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

مەن خەلقىم بىلەن بىللە

بىز خەلق بىلەن بىللە


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号