‹‹审查逮捕›› دېگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇرچىدا يېقىنقى يىللارغىچە ‹‹تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش›› دەپ ئېلىنىپ كەلگەن، خېلى كۆپ ساندىكى دېلو بېجىرگۈچىلەر ھازىرمۇ مۇشۇ ئادەت سۆزى بويىچە ئىشلىتىۋاتىدۇ. تەپتىش تۈزۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە، تەپتىش كەسپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ‹‹审查逮捕›› دېگەن ئاتالغۇغا بولغان چۈشەنچىمىز ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. تەپتىش كەسپىدىكى تەھقىقلەش نازارەتچىلىكى خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئاتالغۇغا بولغان قارىشىمنى كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:
‹‹检察机关侦查检督实务全书›› دېگەن كىتابتا ‹‹审查逮捕›› دېگەن تەبىر مۇنداق دېيىلگەن:
审查逮捕是宪法和法律赋予人民检察院的一项重要的法律监督职权,也是人民检察院开展侦查监督的有效途径之一。审查逮捕包括审查批准逮捕和审查决定逮捕。审查批准逮捕,是指人民检察院对于公安机关,国家安全机关,监狱(以下简称公安机关)提请批准逮捕的案件进行审查,决定是否逮捕犯罪疑人的一种诉讼活动。审查决定逮捕,是指人民检察院侦查监督部门对本院侦查部门移送审查逮捕的案件进行审查决定是否逮捕犯罪疑人的一种诉讼活动
‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 86 – ماددىسىدا: ‹‹خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ج خ ئورگىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللىغان دېلونى تەكشۈرگەندىن كېيىن، قولغا ئېلىشنى تەستىقلەش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا ئەھۋالغا قاراپ قارار چىقىرىشى كېرەك›› دەپ بەلگىلەنگەن. ‹‹خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قائىدىسى›› نىڭ 112 –، 113 – ماددىلىرىدا: ‹‹خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش نازارەتچىلىكى تارمىقى شۇ مەھكىمىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلونى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەھۋالغا قاراپ، قولغا ئېلىش قارارى ياكى قولغا ئالماسلىق قارارى چىقىرىش كېرەك›› دەپ بەلگىلەنگەن. ‹‹审查逮捕›› دېگەن ئاتالغۇغا بېرىلگەن يۇقىرىقى تەبىردىن ۋە بۇ ھەقتىكى قانۇن بەلگىلىمىسىدىن بۇ ئاتالغۇنىڭ مۇۋاپىق تەرجىمە قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ‹‹审查逮捕›› نى ‹‹تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش›› دەپ تەرجىمە قىلساق، كىشىلەرنى مۈجمەل تونۇشقا كەلتۈرۈپ قويىمىز. ‹‹审查逮捕›› ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىگە بېرىلگەن مۇھىم بىر قانۇن نازارەتچىلىك ھوقۇقى، شۇنداقلا، مۇھىم بىر خىزمەت مەسئۇلىيىتى، شۇڭا، ئۇنى ئۇيغۇرچىدا ‹‹تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش›› دەپ ئىپادىلىسەك، كىشىلەر ئارىسىدا قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك جىنايەت گۇماندارىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئالىدىغان ئوخشايدۇ، يەنى قولغا ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ مەجبۇرلاش تەبىرىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىجرا قىلىدىغان ئوخشايدۇ، دېگەن مۈجمەل تونۇش كېلىپ چىقىدۇ. نەتىجىدە، كىشىلەر قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ ئىش تەقسىماتىنى ئاڭقىرالماي قالىدۇ. ‹‹ئاساسىي قانۇن›› نىڭ 37 – ماددىسىدا: ‹‹ھەرقانداق پۇقرا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارىسىز ۋە ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىسىز ھەم ج خ ئورگىنىنىڭ ئىجراسىسىز قولغا ئېلىنمايدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن. مۇشۇ بەلگىلىمىدىن بۇ ئۈچ ئورگاننىڭ قولغا ئېلىشتىكى ئىش تەقسىماتىنى ئېنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ. يەنى ج خ ئورگانلار قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش – تەستىقلىماسلىق، ئۆز مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلولاردا قولغا ئېلىش – ئالماسلىقنى قارار قىلىش خىزمەت ھوقۇقىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يۈرگۈزىدۇ. قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىش خىزمەت ھوقۇقىنى ئاساسلىقى ج خ ئورگىنى يۈرگۈزىدۇ. يۇقىرىقى قانۇن بەلگىلىمىسىدىن قارىغاندا، ‹‹审查逮捕›› نى ‹‹تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش›› دەپ ئىپادىلەش مۇۋاپىق بولمىغان. بۇ ئاتالغۇدىكى سۆزنىڭ ۋەزنى ‹‹قولغا ئېلىش›› تا ئەمەس، بەلكى ‹‹تەكشۈرۈش›› تە. شۇڭا، ئۇنى ‹‹قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈش›› قولغا ئېلىشنى تەستىقلاش – تەستىقلىماسلىق، قولغا ئېلىش – ئالماسلىقنى قارار قىلىشنىڭ ئاساسى بولۇپ، قولغا ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللىنىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، بۇنى تومتاقلا ‹‹تەكشۈرۈپ قولغا ئېلىش›› دەپ ئىپادىلىسەك ئۇنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى بىلدۈرەلمەيدۇ.
ئەمەلىي تەكشۈرۈش خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلەش نازارەتچىلىكى تارمىقىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك ج خ ئورگىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاپ بېرىشكە يوللىغان دېلونى ۋە شۇ مەھكىمىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى قولغا ئېلىشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئەمەلىي تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 60 – ماددىسىدا: ‹‹جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات تېپىلغان بولۇش، قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولۇش، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىش، تۇرار جاينى نازارەت ئاستىغا ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغاندا، جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولماي، قولغا ئېلىش زۆرۈر بولۇش›› دەپ بەلگىلەنگەن قولغا ئېلىشنىڭ ئۈچ شەرتىگە چۈشىدىغان – چۈشمەيدىغانلىقى؛ قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنىڭ چۈشۈپ قالغان – قالمىغانلىقى؛ ج خ ئورگىنىنىڭ تەھقىقلەش پائالىيىتىدە قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ بار – يوقلۇقى؛ دېلو ئېچىش نازارەتچىلىكىگە ئائىت يىپ ئۇچلىرى ياكى باشقا جىنايەت يىپ ئۇچلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ بار – يوقلۇقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(ئاپتور: ش ئۇ ئا ر خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن)