باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەخپىي‹‹خاسىيەتلىك ئادەم ››قىسىمى بولغان

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-05-04 11:17

    سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش ‹‹ئىرفان قىسمى›› غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇتلەق مەخپىي ‹‹روھ قىسمى›› تەشكىللىگەن، شەرتلىك بەلگىسى ‹‹10003›› بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى چوڭ دۆلەت مەخپىي ‹‹روھ ئۇرۇشى››نى باشلىغان. ھەش – پەش دېگۈچە 20 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ قىسىم ھازىرغا قەدەر كىشىلەرگە ناتونۇش بولۇپ، رۇسىيە ‹‹ئاخبارات دۇنياسى تورى›› قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا بۇنى ئاشكارىلىدى.

    سىرلىق قىسىم

    سوۋېت ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، يەنى 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ‹‹پىسىخىكىلىق تەسىر››گە مەپتۇن بولغان، ئالاھىدە ئىقتىدارىمىز بار دەۋالغان بىر قىسىم كىشىلەر سوۋېت ئارمىيەسى باش شىتابىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشكەن. بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر ئىشەنچلىك ھالدا: بىز بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلالايمىز، دېگەن. مەسىلەن: يوقاپ كەتكەن پاراخوت ۋە ئايرۇپىلانلارنى ئىزدەش، تۈرلۈك پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار. سوۋېت ئارمىيەسى باش شىتابى بۇ ئالاھىدە كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، باش شىتاب باشلىقى گېنېرال مېخائىل مويسېيېۋ ئۇلارنى تايانچ قىلغان يېڭى تىپتىكى قىسىم باش شىتابقا بىۋاسىتە قاراشلىق ‹‹10003›› قىسىمنى تەشكىللەش تەكلىپىنى بەرگەن، ئەڭ دەسلەپكى ئىشتاتتا ئونلا كىشى بار ئىدى. مويسېيېۋ ئۆزى بىۋاسىتە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ پولكوۋنىك ئالېكسېي ساۋىننى ‹‹10003›› قىسىمنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن ھەم ۋەزىپىسىنىڭ گېنېرال دەرىجىلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بەلگىلىگەن.

    ‹‹10003›› قىسىمى خادىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىقتىدارلىق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىمى مول، ئاجايىپ ئىدىيە ۋە خىياللىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. باشلىنىشىدا، ‹‹10003›› قىسىمى ئالىي مەخپىيەتلىك قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، قىسىم باشلىقى ساۋىنگە ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلگەن. ئۇنىڭ دەرىجە ھالقىش ھوقۇقى بار بولۇپ، پەقەت باش شىتاب باشلىقى مويسېيېۋغىلا خىزمەتتىن دوكلات بەرگەن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باش ۋە مۇئاۋىن مىنىستىرىمۇ بۇ قىسىمنىڭ پائالىيەت تەپسىلاتلىرىنى بىلمىگەن. ‹‹10003›› قىسىمغا مەبلەغ ئاجرىتىش لايىھەسىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بىۋاسىتە بېكىتكەن، يىللىق پەن – تەتقىقات خىراجىتى 4 مىليون دوللار بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنمۇ رۇسىيە يەنىلا بۇ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرغان.

    ‹‹10003›› قىسىمنىڭ ھەممە ئىشلىرى پاراپسىخولوگىيىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان. پاراپسىخولوگىيە ئىنسانلار تۇرمۇشىدا يۈز بېرىدىغان ئەمەلىيەتتىن ھالقىغان، شۇنداقلا ئىلىم – پەن ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ناھايىتى تەس بولغان بىر قىسىم روھىي ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، يەنە تەن ئالاھىدە ئىقتىدار تەتقىقاتى ياكى ‹‹ئادەتتىن تاشقىرى پىسخولوگىيە›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    سوۋېت ئارمىيەسى باش شىتاپىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئادەتتىن تاشقىرى قارارنى چىقىرىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش ئىدى.

    نۇرغۇن ھادىسە ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ئالدىن مۆلچەرلەنگەن

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا، پىسخولوگىيە ۋە پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىسلاھات بولغان، بولۇپمۇ ئىنسان روھىدىكى ئاجايىپ ھادىسىلەرنىڭ نۇرغۇن مەخپىيەتلىكى ئېنىقلانغان. بۇ ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى (بۇنىڭ ئىچىدە پاراپسىخولوگىيەمۇ بار)نى چۈشەندۈرۈشكە ئۆزگىچە ئۇسۇل يارىتىپ بەرگەن. ساۋىن بىر خىل ئالاھىدە ئۇسۇلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈزۈپ چىققان ھەم ‹‹10003›› قىسىمىدا ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەرنى تەربىيىلەشكە قوللانغان.

    20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا، ‹‹10003›› قىسمى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بىر خىل ئالاھىدە چاستۇتىلىق رادىياتسىيە ئۈسكۈنىسى كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللەشكەن. ئاشكارىلانغان ھۆججەتتە دەلىللىنىشىچە، بۇ بىر خىل جان ئالمايدىغان قورال بولۇپ، بىئو تەسىرى كىشىنى يىراقتىن زەخمىلەندۈرىدىكەن، ھەتتا كىشىنى ساراڭ قىلىپ قويىدىكەن. بىر مەزگىل موسكۋا رايونىدا نۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سىرلىق ئاۋازنىڭ دەخلى – تەرۇزىغا چىدىيالماي، بەس – بەس بىلەن مەركەز ۋە يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئىنكاس قىلىپ، ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلغان. بۇ خىل غەلىتە ئاۋاز تۈپەيلىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۆيلىرىنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان، بىر قىسىم كىشىلەر كېچىچە ئۇخلىيالمىغان، بىر قىسىم كىشىلەر ھەتتا ئۆلۈۋالماقچىمۇ بولغان. موسكۋادىكى بىر مەخسۇس تەشكىلات –– ‹‹تۇرالغۇ ئېكولوگىيەسى كومىتېتى›› 1994 – يىلى سىرلىق ئاۋاز مەسىلىسى توغرىسىدا ھۆكۈمەت ۋە زۇڭتۇڭغا خەت يېزىپ، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ چوڭ مېڭىسىگە زەربە بېرىدىغان تەجرىبىنى تېزدىن توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. بەزىلەر يەنە روسىيە دۆلەتلىك ئاممىۋى پەن – تېخنىكا كۈتۈپخانىسىدىن ماتېرىيال تېپىپ، بۇ خىل تەجرىبىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىغان.

    1990 – يىلىنىڭ بېشىدا، ‹‹10003›› قىسمى ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر تەمىنلىگەن: ‹‹ئەنگلىيەنىڭ گلازگو رايونىدىكى بىر يادرو ئەسلىھەسىدە پارتلاش يۈز بېرىشى مۇمكىن›› دېگەن مۇھىم ئاخباراتقا ئېرىشكەن ھەم ئارقىدىنلا ‹‹ئەپچىل›› ئۇسۇل بىلەن ئەنگلىيەلىكلەرگە خەۋەر قىلغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئەنگلىيەلىكلەر بۇنىڭغا ئىشىنىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، ئاخىرقى پەيتتە ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر ئېكولوگىيەلىك ئاپەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قالغان.

    ‹‹10003›› قىسىمىنىڭ خادىملىرى يەنە 1991 – يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرقتىكى كامچاتكا يېرىم ئارىلىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن. مۇتەخەسسىسلەر يەنە نۇرغۇن ھەربىي مەكتەپتە ئالاھىدە چېنىقتۇرۇش سىنىپى تەسىس قىلىپ، پىسىخىكىلىق تەسىر ئىقتىدارىغا ئىگە نەچچە يۈز ئوفېتسىرنى يېتىشتۈرگەن. ‹‹10003›› قىسىمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى دۆلەت ئىچىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرەشلىرىگە پائال قاتناشقان. ئۇلار شىمالىي كاۋكاز رايونىدا ئىككى يىل ئىشلەپ، يۇقىرىغا يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان توقۇنۇشنى ‹‹بىخ ھالىتى››گە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى دوكلات قىلغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، يۇقىرىدىكىلەر بۇ تەكلىپلەرگە پەرۋا قىلمىغان. مۇتەخەسسىسلەر چېچىنىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگىمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن تۆھپە قوشقان. ئۇلار 1995 – يىلى ھەممە يەرگە ئۇرۇش ئوتى تۇتاشقان چېچەنلەر رايونىغا كېلىپ، ئەسىرگە چۈشكەن قوراللىق ئۇنسۇرلارنى تەكشۈرۈش ۋە سوراق قىلىش ئارقىلىق قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ چېچېنىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يوشۇرۇن كۆمگەن مىنالىرىنى كەينى كەينىدىن تېپىپ چىقىپ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قوماندانلىق ئورنىنىڭ كونكرېت جايىغا توغرا ھۆكۈم چىقارغان.

    تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ‹‹10003›› قىسىمى يەنە دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن كەڭ ھەمكارلاشقان. گۈللەنگەن مەزگىللىرىدە ئومۇمىي تەتقىقات خىزمىتىگە قاتناشقان ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى يۈزگە يەتكەن. يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن، بۇ قىسىم 1997 – يىلى ئالاھىدە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئورنى ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. قىسىم باشلىقى ساۋىنمۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرال مايورلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن.

    غەلىتە تەتقىقاتلار ئارقا – ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان

    قەدىمدىن تارتىپ، ئىنسانلار روھىي تەسىرگە ئالاھىدە قىزىققان، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئۇنداق – بۇنداق روھ قوراللىرىنى ياساشقا ئۇرۇنغان. ئەمما، ئەمەلىيەت بۇ تەتقىقاتلارنىڭ ئوخشاشلا خەلققە زۇلۇم سېلىپ، مال – مۈلۈككە زىيان سالىدىغان بىمەنە ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، ئامېرىكىدىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا ئىلگىرى زور مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىپ، تەڭداشسىز ‹‹ئىرفان قىسىمى›› بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنغان، نەتىجىدە ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولغان.

    ئامېرىكىغا ئوخشاش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹10003›› قىسىمىمۇ بىر قىسىم قاملاشمىغان تەجرىبىلەرنى ئىشلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ‹‹يىراقنى كۆرەر›› تەجرىبىخانىسى قۇرۇش ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ‹‹10003›› قىسمى 200دىن ئارتۇق ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە ‹‹يىراقنى كۆرەلەيدىغان ›› كىشىنى تەتقىقات خىزمىتى ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغان. بۇنىڭ مەقسىتى ئاددىي كىشىلەر ئادەتتىكى ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېرىشەلمەيدىغان ‹‹ مۇتلەق مەخپى ئاخباراتلار›› نى تىڭتىڭلاش ئىكەن. ئېيتىلىشىچە، بۇ ‹‹يىراقنى كۆرەرلەر›› تېلېۋىزوردىكى سۈرەتتىن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي مەخپىيەتلىكلىرىنى بىلەلەيدىكەن، مەسىلەن: ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى. بۇ ‹‹يىراقنى كۆرەرلەر›› ك گ ب ئالىي جاسۇسلىرىغا ئوخشاش كرېمىل سارىيى ئۈچۈن مەخپىي ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى ساياھەتچى قىياپىتىدە ئامېرىكىغا كىرىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنى يېقىندىن نازارەت قىلىپ، ئېرىشكەن ئاخباراتلارنى ‹‹پىسىخىكىلىق تەسىر›› بىلەن موسكۋاغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بۇ ‹‹يىراقنى كۆرەرلەر›› ھالقىسىمان ئانتېننانىڭ ‹‹ئىندۇكسىيە تەسىرى›› دىن پايدىلىنىپ، ئوكياننىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە يېقىلغۇ قاچىلاش بازىسىنى تاپالايدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى بۇلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن.

    ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ‹‹يىراقنى كۆرەرلەر››نىڭ تەتقىقات خىزمەتلىرىدە ئۇزاققىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمايلا قالماي، تەمىنلىگەن ئالاقىدار ئاخباراتلىرىمۇ ئەمەلىي ئەھۋالدىن خېلىلا پەرقلىق بولغان . شۇڭا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ‹‹يىراقنى كۆرەر›› تەجرىبىخانىسىمۇ تاقىلىپ قالغان.

    سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، رۇسىيە – ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىگە بولغان قارىشىدا يەنىلا ئېغىر ئىختىلاپ ساقلانسىمۇ، بىر نۇقتىدا ئورتاقلىق بولغان، يەنى ئۇلار: دۇنيادا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى، دەپ قارىغان. بۇ خىل ۋەزىيەتتە، ‹‹10003›› قىسىمىنىڭ ئورنى ۋە رولى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، 2003 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

    ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى››دىن

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەخپىي‹‹خاسىيەتلىك ئادەم ››قىسىمى بولغان

يېڭىلىق يارىتىش روھى: دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى ئەڭ جەلپكار مەنزىرە

ئىسلاھات ، تەرەققىياتنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى

تەڭشەشنى تېخىمۇ چىڭىتقاندىلا، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ

تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئۆي–زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

مەن خەلقىم بىلەن بىللە

بىز خەلق بىلەن بىللە

بۈگۈن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۈشۇ يەرتەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇلىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号