باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

يېڭىلىق يارىتىش روھى: دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى ئەڭ جەلپكار مەنزىرە

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-04-30 14:23

    ئەمگەك دۇنيانى ياراتتى، يېڭىلىق يارىتىش دۇنيانى ئۆزگەرتتى.

    دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ باشلىنىشىغا تەقەززا بولماقتىمىز، چۈنكى، ئۇ يەردە ھەقىقىي ‹‹كەلگۈسى دۇنيا››نى كۆرەلەيمىز، يەرمەنكىدە ئىنسانلارنىڭ شەھەر تۇرمۇشى توغرىسىدىكى شېرىن ئارزۇلىرى نامايان قىلىنىدۇ. دۇنيا يەرمەنكىسىنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز، چۈنكى، دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى ئاجايىپ – غارايىپ، كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان ھەرقايسى ئەل سارايلىرى كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ.

    دۇنيا يەرمەنكىسى ھازىرقى زامان ئىجادىيەت كەسپىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىڭ ئەبەدىي جېنى، ھەر قېتىملىق دادىل يېڭىلىق يارىتىش دۇنيا يەرمەنكىمىسىگە غايەت زور خۇشاللىق بېغىشلاپ كەلدى. دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ 100 يىللىق تارىخىغا نەزەر سالساق، مىسلىسىز يېڭىلىق يارىتىلغان ھەر بىر ئەسەر گويا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزغا ئوخشاش ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى يورۇتقان. مەشھۇر ‹‹ئېففېل تۆمۈر مۇنارى›› ئەينى چاغدىكى پارىژ دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئىجادىيىتى، ئۇ – ئۆزىنىڭ زامانىۋى پولات قۇرۇلمىسى بىلەن، قەدىمىي پارىژدىن تۈپتىن پەرقلىنىپ، ئەينى چاغدا دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان. شۇ قېتىمقى دادىل ئىجادىيەت پارىژغا يېڭى مەدەنىيلىك خىرىسى ئېلىپ كەلگەن.

    ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا يەرمەنكىسىدە يېڭىلىق يارىتىلغان تېخنىكا ۋە لايىھەلەر كىشىنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلسىمۇ، ئەمما ھەممىسىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، چۈنكى، يېڭىلىق يارىتىش بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنى تېخىمۇ گۈزەل ۋە ئىناق قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان. دۇنيا يەرمەنكىسىدە ئىنسانىيەت پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مېۋىلىرى نامايان قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەلىرى ئارقىلىق ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

    ئەڭ دەسلەپ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنغان، 20 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، سانائەتلىشىشتىكى يېتەرسىزلىكلەر كىشىلەرنى ئويغا سالغان، دۇنيادا تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن تەبىئەتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق ماسلاشتۇرۇشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈنگەن. ‹‹بىر ئەسىرلىك تەرەققىيات››، ‹‹زامانىۋى دۇنيادىكى سەنئەت ۋە تېخنىكا››، ‹‹ئەتىكى يېڭى دۇنيا››، ‹‹ئىلىم – پەن، مەدەنىيلىك ۋە ئادىمىيلىك››، ‹‹ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىناقلىق››، ‹‹بۇلغىسىز تەرەققىيات››، ‹‹تەبىئەتنىڭ دانالىقى››... 1933 – يىلىدىن بۇيانقى دۇنيا يەرمەنكىلىرىدە تۈرلۈك تېمىلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىلىپ، ئىنسانىيەت يېڭىچە ياشاش مەدەنىيەتى ئىدىيەسى ئارقىلىق يېتەكلەندى.

    ‹‹شەھەر تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ›› 2010 – يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئاساسىي تېمىسى 200 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ سەنئەتكارلىرى، لايىھەلىگۈچىلىرى مىسلىسىز يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن، 3.28 كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان باغچىدا كىشىلەرگە كەلگۈسى شەھەر تۇرمۇشى مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەردى. شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىدە كىچىك بىر ‹‹ئالاھىدە رايون››، يەنى ‹‹ئەڭ ياخشى شەھەرلەر بىلەن ئۇچرىشىش رايونى›› تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دۇنيادىكى شەھەرلەر تۇنجى قېتىم مۇستەقىل كۆرگەزمە قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەنگەن، ئۇلار شەھەرنى كۆرگەزمە بۇيۇمى سۈپىتىدە ئاۋامنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ، ئەڭ ياخشى شەھەرلەرنىڭ ئۆرنىكىنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدۇ، بۇ يۈز يىللىق دۇنيا يەرمەنكىسى تارىخىدىكى زور يېڭىلىق.

    دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى تارقىتىدىغان جانلىق دەرسخانا. دۇنيا يەرمەنكىسى ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە مەدەنىيلىكىنى نامايان قىلىدىغان كاتتا ‹‹ئو ت م››غا ئايلىنىش بىلەن بىللە، دۇنياغا تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى تارقىتىش مەسئۇلىيەتىنىمۇ زىممىسىگە ئالغان. دۇنيا يەرمەنكىسىدە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى مەدەنىيەتى ۋە يېڭى تۇرمۇش شەكلى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى ئېچىلىپلا قالماي، ئىدىيەسىدىمۇ توقۇنۇش ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئۆگىنىشىگە، رىقابەتلىشىشىگە ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر بۇ يېڭى ئىدىيەلەرنى جاي – جايلارغا تارقىتىدۇ، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە دۇنيا تېخىمۇ رەڭدارلىشىدۇ، تېخىمۇ ئۆزگىرىدۇ.

    ئىنسانىيەت شەھەرلىشىشتىكى ئورتاق قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن پەيتتە، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى شەھەرنى ئاساسىي تېما قىلىپ تاللاپ، شۈبھىسىزكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئارزۇسىنى نامايان قىلدى، بارلىق سارايدا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ھەتتا زاماندىن ھالقىغان ئىدىيەلەر گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ئارقىلىق كەلگۈسى شەھەرلەرنى بەرپا قىلىشىغا ئىلھام بەخش ئېتىدۇ. خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ باش كاتىپى لوسېرتالېس: ‹‹شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ بۇ تېما ئارقىلىق دۇنيادىكى شەھەرلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!››، دېدى.

    يېڭىلىق يارىتىش روھى دۇنيا يەرمەنكىسىنى رەڭدارلاشتۇردى، ئاخىرىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان غايەت زور كۈچكە ئايلىنىدۇ.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭىلىق يارىتىش روھى: دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى ئەڭ جەلپكار مەنزىرە

ئىسلاھات ، تەرەققىياتنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى

تەڭشەشنى تېخىمۇ چىڭىتقاندىلا، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ

تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئۆي–زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

مەن خەلقىم بىلەن بىللە

بىز خەلق بىلەن بىللە

بۈگۈن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۈشۇ يەرتەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇلىدۇ

مەركەزنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش–ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号