— ‹‹1–ماي ››خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن
‹‹1 – ماي›› خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 27 – ئاپرېل بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل تەقدىرلەنگەن 2985 مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنچىسى ۋە ئىلغار خىزمەتچىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز! جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەمگەكچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورايمىز!
ئەمگەك دۇنيانى ياراتتى، كۈرەشتىن ئۇلۇغۋار ئىشلار بارلىققا كەلدى. جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئامما جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇن، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي كۈچ. سوتسىيالىستىك جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن زور ئۇتۇقلارغا ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگەك تەرى سىڭگەن، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئەقىل – پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر مىليونلىغان ئەمگەكچىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېچە – كۈندۈز خالىس تۆھپە قوشۇپ ۋە ئىجادىي ئەمگەك قىلىپ، ۋەتەن ۋە خەلققە سادىق بولۇپ، ئەمگەك شەرەپلىك، بىلىم يۈكسەك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ دېگەن قىممەت قارىشىنى نامايان قىلدى. تارىخ ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.
بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مەزگىل كۈرەش قىلغان ئىشچىلار، ئىش ئورنىدا ئىختىساسلىقلارغا ئايلانغان تېخنىكلار، جاسارەت بىلەن پەللىگە ئۆرلىگەن پەن – تېخنىكا خادىملىرى، ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ئىشچىلارنى باشلاپ شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، جاسارەت بىلەن يېڭى يول ئاچقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان ئىلغار شەخسلەر، شۇنداقلا زور تەبىئىي ئاپەت، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى قاتارلىق زور ۋەقەلەردە گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقانلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بار. ئۇلار بارلىقىنى ئۇلۇغۋار ئىشلارغا بېغىشلاپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا ئۆلمەس نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ تومۇرىغا ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ دەۋر روھى سىڭگەن بولۇپ، دەۋرىمىزدىكى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى ۋە مىليونلىغان ئەمگەكچىنىڭ يېپيېڭى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئەمەگچىلەردە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى، كىشىلەرنىڭ ئەمگەك قارىشى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى، ئەمگەك ئۇسۇلى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەردى، ئەمگەكنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىدى، ئەمگەكنىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ئەمگەك فورماتسىيەسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئينەزەر، ئەمگەك نەمۇنچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن بولۇشقا تىرىشىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، نام – شۆھرەت قوغلاشماسلىق، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئۇلۇغۋار روھى ئۆزگەرمەيدۇ؛ دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيەمىزنىڭ جان دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش تۈپ فاڭجېنى ئۆزگەرمەيدۇ، سوتسيالىستىك دۆلەتتە ئەمگەكچىلەرنىڭ خوجايىنلىق ئورنى ئۆزگەرمەيدۇ.
ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇلۇغۋار روھىدىن ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناپ ئىدىيەسى، ئىلغار ئىش ئىزلىرى، ئېسىل پەزىلىتىنى ئۈلگە قىلىپ، ئىشچىلارنى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە، ئىلغارلاردىن، ئالدىنقى قاتاردىكىلەردىن بولۇشقا تىرىشىشقا يېتەكلەپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەردانە ئالغا باسىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالىتىنى ساقلاش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئەمگەكنى، بىلىمنى، ئىختىساسلىقلارنى، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئەتراپلىق ئۆستۈرۈپ، بىلىملىك، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىشچىلار سىنىپىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى.
خەلق ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىقلىكى بارلىق ئەمگەكنى ھۆرمەتلەپ ۋە قوغداپ، ئەمگەكچىلەرنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە بارلىق ئەمگەكچىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ئەمگەك، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە كاپىتالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي بايلىق يارىتىدىغان بارلىق مەنبەلەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىشچىلار سىنىپى ئۇلۇغ، ئەمگەك شەرەپلىك، دەيدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچىلىرى ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسىدە نى –نى ئىشلارنى قىلىپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى سەھىپىلەرنى يارىتالايدۇ.
ئەمگەك جەمئىيەت چۆرىدەپ ئايلىنىدىغان ‹‹قۇياش››، بارلىق ھاسىلات ئەمگەكتىن كېلىدۇ. ئەمگەك شۇنداق جاپالىق ھەم ئاددىي، شۇنداقلا شۇ قەدەر ئالىيجاناپ ھەم ئۇلۇغ. بىز دۆلەتنىڭ خوجايىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاكتىپ ئاتلىنىپ، داۋاملىق ئىدىيەدە ئازاد بولىدىغان، شىجائەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىلمىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرىدىغان، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – ئاپرېل تېلېگراممىسى)