مۇزىكا تۈرلۈك قانۇنىيەتلىك ئاۋاز ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدىغان، ئاڭلىغۇچىنىڭ كەيپىياتى، روھىي ۋە ئەقلىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۆزگىچە زوق پەيدا قىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە سەنئەت شەكلى بولۇپ، رىتىملىق ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ھېسسياتنى ئىپادىلەيدىغان سەنئەت. مۇزىكا سەنئىتىدە مۇزىكا ئىجادىيىتى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، مۇزىكا ئىجادىيىتى ئىجادىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنغان ئاساستا، مىللىي خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
دۇنيادىكى داڭلىق مۇزىكا ئەسەرلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغا مىللىي خاسلىق تامغىسى بېسىلغان. ئالايلى، بىتخوۋىننىڭ ‹‹تەقدىر›› ناملىق سىمفونىيەسى، خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ‹‹جىڭجۈ›› ئاھاڭلىرى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ‹‹سەھرا›› ناخشىلىرى، جېكسوننىڭ ‹‹مودا›› ناخشىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن مىللىي خاسلىقنىڭ يارقىن ئىزنالىرىنى بايقىغىلى بولىدۇ.
خەلقىمىزنىڭ شانلىق مۇزىكا تارىخى ۋە مول مۇزىكا خەزىنىسىگە قارايدىغان بولساق، بۇ نۇقتىنى روشەن ھېس قىلالايمىز. شەرق مۇزىكا خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر 12 مۇقام، ئالەمچە مۇڭ ۋە شادلىقنى ئۆزىگە جۇغلىغان خەلق ناخشىلىرى، يەرلىك مەشرەپ، ئەلنەغمىلىرىمىز، ‹‹راۋابىم››، ‹‹كۆركەم تەڭرىتاغلىرى›› قاتارلىق ناخشا – مۇزىكىلار ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىدا سىمفونىيەلەشتۈرۈلگەن. ئۇچۇرنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى، ھەرقايسى دۆلەت، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت – سەنئەت تەسىرىنىڭ تېزلىشىشى، پەن – تېخنىكا، ئىنتېرنېتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ۋە باشقا سەۋەبلەردىن، مۇزىكا ئىجادىيىتىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بىر قىسىم مۇزىكا ‹‹ئىجادىيەتچىلىرى››مىزنىڭ باشقا مىللەتنىڭ ئاھاڭلىرىنى ‹‹ئىجادىيەت››كە ‹‹خېمىرتۇرۇچ›› قىلىشى، بازار ئىگىلىكىنىڭ شامىلىدا ‹‹مودا›› ناخشىچىلىرىمىزنىڭمۇ ئۇنىڭغا دوست تارتىپ زوقلىنىپ ئورۇنداپ كېتىشى، مۇزىكىدىن ساۋاتى مۇكەممەل بولمىغان ئۈن – سىن سودىگەرلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىكى پايدىنى دەپ، قانۇنسىز ئۈن – سىن بۇيۇملىرىنى تۆكمە قىلىشى بىلەن، ناخشا – مۇزىكا ئىجادىيىتىمىزدىكى ۋە ئۇنى خەلققە يەتكۈزۈشتىكى ‹‹قارا داغ›› كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپمۇ كۆرگىلى بولىدىغان پاكىت بولۇپ قالدى. مىللىي مۇزىكا تەربىيەسى ۋە تەشۋىقاتىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقى، زامانىۋى مۇزىكا ئېقىملىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بىر قىسىم كىشىلەردە، بولۇپمۇ ياشلار ئۆسمۈرلەردە ئۆزلىرىنىڭ كىلاسسىك ناخشا – مۇزىكىلىرى، خەلق ناخشىلىرى، ئىجادىي مىللىي ئاھاڭلىرىغا بولغان قىزغىنلىقى، مۇھەببىتى ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۇسلاپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ نۆۋەتتىكى مىللىي ناخشا – مۇزىكا ئىجادىيىتىمىزگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، مۇزىكا ئىجادىيىتىدە مىللىي خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش، خاسلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن:
1. ناخشا مۇزىكا ئىجادىيەت ئەسەرلىرىدە مىللىي خاسلىقنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، مىللىي پۇراقنى ئىجادىيەتنىڭ جان تومۇرى قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ناخشا – مۇزىكا ئىجادىيەتچىلىرى مىللىي خاسلىقنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت بايلىقىغا تويۇنغان بولۇشى كېرەك.
2. كىشىلەرنىڭ ئاممىۋى مۇزىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مىللىي مۇزىكا تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، مىللىي مۇزىكا مائارىپىنى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. كىشىلەرنىڭ مۇزىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە، جەمئىيەتتە مىللىي مۇزىكىدىن زوقلىنىش، پەخىرلىنىش كەيپىياتى ئەۋج ئېلىپ، مىللىي خاسلىققا باي ئىجادىيەتلەر ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا، دەۋردىن – دەۋرگە داۋاملىشىدۇ. شۇڭا مىللىي مۇزىكا مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.
3. مۇزىكا ئىجادىيىتىدە، زامانىۋى تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن ئەتراپلىق پايدىلىنىش كېرەك.
4. مۇزىكا ئىجادىيىتى تەتقىقاتى ۋە ئوبزورچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.
(ئاپتور: مەكىت ناھىيەلىك دولان ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن)