باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئۆي–زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-04-26 10:29

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 19 – ئاپرېل تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېقىندا ‹‹ئۆي – زېمىن بازارلىرىدىكى تاۋار ئۆيلەرنى ئاۋانسقا سېتىش تۈزۈمىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى چىقىرىپ، جايلاردىن مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆي – زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئۆي – زېمىن بازارلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھۆكۈمەت ئۆي – زېمىن بازارلىرىنى ماكرولۇق تەڭشەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆي – زېمىن بازارلىرىنى سىلىق، ساغلام راۋاجلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاۋانسقا سېتىش ئىجازىتىگە ئېرىشمىگەن تاۋار ئۆي تۈرلىرى، ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى سېتىۋېلىش، زاكاز قىلىش، رەتكە تۇرغۇزۇش ۋەVIP كارتىسى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن سېتىۋالغۇچىلاردىن ھەق ئېلىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا زاكالەت پۇلى ئېلىش، زاكاز قىلىش قاتارلىق خاراكتېردىكى ھەقلەرنى ئالماسلىقكېرەك. ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى ئاۋانسقا سېتىش ئىجازىتى ئالغان تاۋار ئۆي تۈرلىرىنى ئون كۈن ئىچىدە سېتىشقا رۇخسەت قىلىنغان بارلىق ئۆي مەنبەسى ۋە ھەر بىر يۈرۈش ئۆينىڭ باھاسىنى ئاشكارىلىشى ھەم ئاۋانسقا سېتىش باھاسى لايىھەسىنى مەلۇم قىلىشقا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، باھانى ئېنىق يېزىپ سېتىشى كېرەك.

    ئاۋانسقا سېتىش ئىجازىتى ئالغان، لېكىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاشكارا ساتمىغان ياكى سېتىشقا رۇخسەت قىلىنغان بارلىق ئۆي مەنبەسىنى ئاشكارىلىمىغان، قەستەن باھا ئۆستۈرۈش تەدبىرى قوللانغان ياكى ساختا تاۋار ئۆي سودىسى قىلىش توختامى تۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ساختا ئۆي مەنبەسىقىسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

    ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ئۆي – زېمىن ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ئاۋانسقا سېتىش ئۇچۇرى، سېتىلىدىغان بىنالار ۋە ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرى، قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى جەمئىيەتكە دەل ۋاقتىدا، توغرا ئاشكارىلىشى كېرەك؛ ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى سېتىش نەق مەيدانىدا ئاۋانسقا سېتىش ئىجازىتى ۋە تاۋار ئۆينى ئاۋانسقا سېتىش لايىھەسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېنىق تىلغا ئېلىشى كېرەك.

    ئۇنىڭدىن باشقا جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتكەن تاۋار ئۆيلەرنى سېتىشنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى تۈزۈپ، ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرىنى پۈتكەن تاۋار ئۆيلەرنى سېتىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆي – زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جايلار ئۆي – زېمىن ئۇچۇرى تورىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى، بولۇپمۇ ئۆينى قايتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، باھا بىنورمال بولۇش ۋە ئىستېمالچىلار مەركەزلىك ئەرز قىلغان تۈرلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى كېرەك.

    جايلار ئۆي – زېمىن ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىناۋەت ئارخىپى فونكسىيەسى ۋە قاپلىنىش نىسبىتىنى پائال كېڭەيتىشى، بۇنىڭدىن كېيىن سېتىش پائالىيىتى، تۇرالغۇ سۈپىتى، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش ۋە ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆي – زېمىن ئۇچۇرى ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئىناۋەت ئارخىپىنى كارخانىنىڭ تەبىئىي سۈپىتىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسى قىلىشى كېرەك.

 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئۆي–زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

مەن خەلقىم بىلەن بىللە

بىز خەلق بىلەن بىللە

بۈگۈن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۈشۇ يەرتەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇلىدۇ

مەركەزنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش–ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

مىللەتلەر ئارا ئىشەنچنى زور كۈچ بىلەن چىڭىتايلى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر تەتقىقاتتا ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، دەپ قارىدى

ھەممە ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال خەلقنى ئويلاش كېرەك


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号