يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ يۈشۇ ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش –ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا
ئايروپىلان ناھايىتى تېز ئۇچۇۋاتاتتى، ئايروپىلان بۆلۈمىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ پۈتۈن زېھنى بىلەن خەرىتىدىكى كىشى قەلبىنى ئۆرتەندۈرىدىغان بىر جايغا تىكىلىپ تۇراتتى...
2010 – يىلى 18 – ئاپرېل سەھەر. كۆڭلىگە ھەر ۋاقىت يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن يۈشۇ ناھىيەسىنى پۈككەن باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ 25 سائەت ئوكيان ئاتلاپ ئۇچۇش ئارقىلىق 17 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرغاندىن كېيىن، ئەتىسى سەھەردە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن يۈشۇغا يۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئايروپىلانغا چىقىپلا ئۆزى بىلەن بىللە ماڭغان مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارنى يىغىپ، خەرىتىنى ئېچىپ، ئۇلاردىن يۈشۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، شۇنىڭدەك كونكرېت چارە، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى ۋە تەتقىق قىلدى.
باش شۇجى خۇ جىنتاۋ: مۇشۇنداق مۈشكۈل پەيتتە دەرھال دۆلىتىمگە قايتىپ، خەلقىم بىلەن بىللە بولۇشۇم، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىشىم كېرەك، دېدى.
بىز خەلق بىلەن بىللەتۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاپەت قەلبلەرنى ئۆرتەندۈردى. يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەسكىن قارار چىقىرىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىدىغان كۈچلەرنى جىددىي يۆتكىدى...