باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەدەنىيەت ئىزنالىرى

كۇچادىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە سىرلانغان ساپال ھېجىرلار تېپىلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-04-22 11:44

   

      ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ‹‹دوستلۇق›› يولىدا 2007 – يىلى قۇرۇلۇش قىلىش داۋامىدا بايقالغان قەدىمىي قەبرىستانلىق شۇ يىلقى مەملىكەت بويىچە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىكى ئون چوڭ بايقاشنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. بۇ ناھىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلار يېقىندا قەدىمىي قەبرىستانلىق يەر ئاستى مۇزېيىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قىلىش داۋامىدا يەنە يېڭى بايقاشقا ئېرىشتى.

    ‹‹دوستلۇق›› يولى قەدىمىي قەبرىستانلىق يەر ئاستى مۇزېيىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قىلىۋاتقان ئىشچىلار 3 – ئاينىڭ 23 – كۈنى شەرقىي يان ئۇل ئازگىلىنى كولاش داۋامىدا خىش قۇرۇلمىلىق قەبرىدىن يەنە بىرنى بايقىدى. بۇ قەبرە بىلەن ئىلگىرى بايقالغان 2 – ، 3 – نومۇرلۇق قەبرىلەر ئوخشاشلا شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرى بىلەن شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرى (مىلادىي 25 – 420 – يىللار)گە خاس قەبرىلەر ئىكەن. شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى گەنسۇنىڭ خېشى رايونى، بولۇپمۇ دۈنخۇاڭ، جيۇچۈەن رايونلىرىدىكى بىر قىسىم قەبرىلەرگە ئوخشايدىكەن. بۇ قەبرىلەر شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەبرىلەرنىڭ شەكلىدە قوپۇرۇلغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىنىڭ كۆلىمى ئون چى كېلىدىكەن. مۇشۇنداق كىچىك بوشلۇقتىن ئارخېئولوگلار دەسلەپكى قەدەمدە 14 – 15 تەك باش سۆڭىكى تاپقان، بۇ شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن جىن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلدىكى غەربىي يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ دەپنە ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى خادىملار قەبرىدىن بىر قىسىم ساپال ئىدىش، بەش مىسقاللىق ئاقچا ۋە كۈسەن يارماقلىرىنى قېزىپ چىققاندىن باشقا، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن جىن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلدىكى سىرلانغان ساپال ھېجىرلارنىمۇ تاپتى. بۇ، 1995 – يىلى لوپنۇر بارگاھ قەبرىستانلىقىدىن سىرلانغان ساپال ھېجىر تېپىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىن 2 – قېتىم تېپىلغان سىرلانغان ساپال ھېجىر ھېسابلىنىدىكەن.

    شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ جىيوڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قەبرىنىڭ شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى 2007 – يىلى قېزىلغان 2 – ، 3 – نومۇرلۇق قەبرىلەرنىڭ شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ئىكەن، بىراق سىغىمى بۇ ئىككى قەبرىدىن سەل كىچىكرەك ئىكەن. مانا مۇشۇنداق كىچىك بوشلۇقتا 14 – 15 باش سۆڭىكىنىڭ تېپىلىشى بىر قىسىم ئالاھىدە دەپنە ئادىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن. قەبرىلەردىن ئون نەچچە ساپال ئىدىش قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر نەچچە سىرلانغان ساپال ھېجىرمۇ بار ئىكەن، بۇنداق ھېجىرلار كۇچادىكى يېقىنقى مەزگىللەردە بايقالغان قەبرىلەردىن تۇنجى قېتىم تېپىلىشى ئىكەن.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۈگۈن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۈشۇ يەرتەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇلىدۇ

مەركەزنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش–ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

مىللەتلەر ئارا ئىشەنچنى زور كۈچ بىلەن چىڭىتايلى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر تەتقىقاتتا ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، دەپ قارىدى

ھەممە ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال خەلقنى ئويلاش كېرەك

تەڭرىتاغ مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ

پارتىيەنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

ياخشى سىياسەتكە تايىنىپ يېڭى سەھىپە يارىتايلى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号