باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

مەركەزنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش–ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-04-15 10:26

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئاپرېل پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنى ئاچتى، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ئىچىدە قانات يايدۇرۇلغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ راۋاجلاندۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېنىق ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، مۇخبىر پارتىيە ئىچىدە قانات يايدۇرۇلغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا مەركەزنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.

    مۇخبىر: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز.

    جاۋاب: پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پارتىيە ئىچىدە قانات يايدۇرۇلىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى 2008 – يىلى 3 – ئايدىن باشلاپ نۇقتىدا سىناق قىلىندى، شۇ يىلى 9 – ئايدا رەسمىي باشلاندى، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ قانات يايدۇرۇلۇپ، بۇ يىل 2 – ئايدا ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى، جەمئىي 3 مىليون 700 مىڭدىن كۆپ پارتىيە تەشكىلاتى، 75 مىليوندىن كۆپ پارتىيە ئەزاسى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

    بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىل، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، يېڭى تارىخىي پەللىدىن ئىلگىرىلەۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە؛ دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى ۋە پارتىيە ئەھۋالىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، دۆلىتىمىز ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان، بىز مىسلىسىز پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئارقا كۆرۈنۈشتە؛ بولۇپمۇ پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ساقلاۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە قانات يايدۇرۇلدى. ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان مەزگىلدە، دۆلىتىمىز بېيجىڭ ئو ت م، مېيىپلەر ئو ت م نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى، سىچۈەن ئۆلكىسى ۋېنچۈەن ناھىيەسىدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تاقابىل تۇردى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش – قايتا قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ساقلىدى، شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسىگە پائال تەييارلىق كۆردى، لاسادىكى ‹‹14 – مارت›› ۋەقەسى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىنى قانۇن بويىچە قەتئىي تىنجىتتى ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلدى، چوڭ ئىشلار، خۇشاللىنارلىق ئىشلار، قىيىن ئىشلار كۆپ بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە توققۇز قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئەھۋالىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىق مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتناشتى. مەركەزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سەككىز قېتىم ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئەھۋالىدىن دوكلات ئاڭلاپ، مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، يېتەكچىلىك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    مۇخبىر: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش جەھەتتە قانداق روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە؟

    جاۋاب: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش مۇھىم ۋەزىپە قىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن قوراللاندۇرۇش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. بىرىنچىدىن، مەركەز بەلگىلەپ بەرگەن مەزمۇن ئاساسىدا ئۆگىنىشكە تەشكىللەندى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، ‹‹ماۋزېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىننىڭ ئىلمىي تەرەققىيات ھەققىدىكى بايانلىرى››، ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلاردىن ئۈزۈندە›› ناملىق ئىككى كىتاب، مەركەزنىڭ بىر قاتار مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم سۆز، يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەندى. ھاكىم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يەنە ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىدىغان ھۆججەتلەردىن تاللانما››نى ئەستايىدىل ئۆگەندى. ئىككىنچىدىن، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆگىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىدىيە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك بىرلەشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش ۋە ئانالىز قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تەجرىبىلەر ئەستايىدىل يەكۈنلىنىپ، مەسىلىلەر چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىندى، بولۇپمۇ نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ساقلاش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا بولغان چۈشىنىش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئۈچىنچىدىن، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش مۇھاكىمىسى ئارقىلىق ئۆگىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىلمىي تەرەققىيات باش تېمىسى ئومۇميۈزلۈك چۆرىدىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تونۇش مەسىلىسى، تەسەۋۋۇر مەسىلىسى ۋە ئىقتىدار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇھىم ۋەزىپە قىلىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات كېرەكمۇ – يوق؟ ئىلمىي تەرەققىي قىلالامدۇق – يوق؟ قانداق ئىلمىي تەرەققىي قىلىمىز؟ دېگەن تېمىلاردا چوڭ مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار نەزەر دائىرىسى، تەسەۋۋۇرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كۆڭلى – كۆكسىنى يەنىمۇ كەڭ تۇتۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشىدىكى ئىلمىي تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشالمايدىغان، مۇۋاپىق كەلمەيدىغان قاراشلارنى تۈگىتىشكە يېتەكلەندى.

    مۇخبىر: ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولدى، بۇ ئاساسلىقى قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟

    جاۋاب: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە، نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا، ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى جەريانىنى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلققە خىزمەت قىلىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇشقا تەشكىللەندى ۋە يېتەكلەندى. بىرىنچىدىن، پارتىيە، دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەركەزنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىككىنچىدىن، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، مول، تۈرلۈك تېمىدىكى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى. ئۈچىنچىدىن، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا يېقىنلىشىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىندى.

    مۇخبىر: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە نۇرغۇن يېڭىلىقلار يارىتىلدى، پائالىيەتتە تەشكىلىي يېتەكچىلىك شەكلىنى ياخشىلاش جەھەتتە قانداق ياخشى تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

    جاۋاب: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش مۇھىم ئۇسۇل قىلىنىپ، تۈركۈملەر، ساھەلەر ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىيىتى چىقىش قىلىنىپ، تەشكىلىي يېتەكچىلىك ئۇسۇلى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، يېتەكچىلىك خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقى كۈچەيتىلدى. بىرىنچىدىن، ئوخشىمىغان تۈركۈملەرگە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىلدى. ئىككىنچىدىن، ئوخشىمىغان ساھەلەرگە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىلدى. ئۈچىنچىدىن، ئوخشىمىغان پارتىيە ئەزالىرىغا تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىلدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە توغرا يۆنىلىشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇلۇپ، خىزمەت جەريانىغا زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەلىك ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ئاخبارات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىنىپ، خەۋەر رىتىمى ئىگىلىنىپ، كۆپ تەرەپلىك، كۆپ نۇقتىلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق ۋە سىجىل داۋاملاشقان تەشۋىقات خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى.

    مۇخبىر: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە قانداق ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟

    جاۋاب: بىرىنچىدىن، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار چوڭقۇر ماركسىزم تەربىيەسىگە ئىگە قىلىندى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە تۈپ تەلىپىگە بولغان چۈشىنىش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكى كۈچەيتىلىپ، پارتىيەۋىلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئاڭلىقلىقى روشەن ئۆستۈرۈلدى. ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات ھالقىما تەرەققىيات››، ‹‹تەرەققىياتنى تېزلەتمىسەك بولمايدۇ، ئىلمىي تەرەققىي قىلمىساق تېخىمۇ بولمايدۇ››، ‹‹بايلىق كېرەك، مۇھىت تېخىمۇ كېرەك›› دېگەن قاراشلار كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى. ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ۋە ئەمەلىي چېنىقىش ئارقىلىق، ئىلمىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. ئىككىنچىدىن، ئىلمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى. رايونلار، جايلار، ئورۇنلار ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆتمۈشنى يەكۈنلەپ، ھازىرنى ئانالىز قىلىپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى، نىشان – تەلەپلىرى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات پىلانىنى تۈزدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. تەرەققىيات شەكلى قالاق، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەكشىسىز، رايونلار ئارا تەرەققىيات تەڭپۇڭسىز بولۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىققا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىك قاتارلىق ئىلمىي تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان بىر تۈركۈم مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىندى. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۇنىۋېرسال باھا بېرىش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، شەھەر پىلانى، بايلىقلارنى تەقسىملەش، مۇھىت ئاسراش چەكلىمىسى، مالىيە – باج تەقسىماتى، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى، كادىرلارنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە ئىلمىي تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەت، نىزام ۋە قائىدە – تۈزۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۈچىنچىدىن، خەلق تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىر قاتار قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، تۈزۈم، سىياسەت ۋە سېلىنما جەھەتتە نۇرغۇن كۈچلۈك تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، خىزمەت سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوقۇش، داۋالىنىش، سۇ، يول قاتارلىق ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي مەسىلىلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھەل قىلىندى. يۆلەش – ئېچىش، كۆچۈرۈلىدىغان ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش سالمىقى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇلۇپ، مېيىپلەر، كارخانىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى كۈچەپ ھەل قىلىندى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاممىغا ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش جەريانىدا، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى جەھەتتە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى يەنىمۇ تېپىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

    مۇخبىر: ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ 3 – تۈركۈمگە كەلگەندە، مەركەز ‹‹ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش››نى مۇھىم نىشان قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ جەھەتتە قانداق خىزمەتلەر ئىشلەنگەنلىكىنى، قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

    جاۋاب: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركەزنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 – تۈركۈمدىكى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى بىلىپ چىڭ تۇتتى. بىرىنچىدىن، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، ئۆز ئالدىغا قۇرۇش، بىرلىشىپ قۇرۇش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يېتەكچىسى ئەۋەتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. ئىككىنچىدىن، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئۈنۈملۈك يول ۋە ئۇسۇللار ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدىنىلدى. ئۈچىنچىدىن، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمى جەھەتتە يەنىمۇ ئىزدىنىلدى ۋە بۇلار ياخشىلاندى.

    مۇخبىر: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشپائالىيىتىدە يارىتىلغان ۋە جۇغلانغان ئاساسلىق تەجرىبىلەر قايسى؟

    جاۋاب: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي تەجرىبىلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە ئىچىدە قانات يايدۇرۇلغان مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللىرى تولۇق قوللىنىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە قىممەتلىك تەجرىبىلەر جۇغلاندى. بىرىنچى، ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئورگانىك بىردەكلىكىدە چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىككىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى تۇتۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە نامايان قىلىش؛ ئۈچىنچى، رەھبەرلىك بەنزىسى بىلەن رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ تۆتىنچى، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلقنى رازى قىلىش؛ بەشىنچى، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تۈزۈملەشتۈرۈش، كېرەككە كېلىدىغان تەجرىبىلەرنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. بۇ تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كاللىسىنى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بىلەن قوراللاندۇرۇش؛ نىشانى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاچقۇچى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ تۈپ ماھىيىتى خەلقنىڭ سۇبيېكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ تۈرتكىسى تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت.

    مۇخبىر: ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى قانداق مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك؟

    جاۋاب: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ 17 – قۇرۇلتىيىدا پارتىيە ئىچىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىن ئىبارەت ئستىراتېگىيەلىك قارارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى تامامەن توغرا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ھىمايە قىلىدۇ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

    بىز باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ راۋاجلىنىشىنى يېڭى پەللىدە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

    ھازىر، ھەممىدىن مۇھىمى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نىشانى ۋە ئستىراتېگىيەلىك تەدبىرى قىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇش، تۈزۈلمە، مېخانىزم ۋە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى تۈزىتىش – ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشلەپ، تۈزىتىش – ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش – ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش باش تېما قىلىنغان ئىلغارلىقنى تالىشىش، ئەلالىقنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاپرېل تېلېگراممىسى)

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش–ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

مىللەتلەر ئارا ئىشەنچنى زور كۈچ بىلەن چىڭىتايلى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر تەتقىقاتتا ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، دەپ قارىدى

ھەممە ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال خەلقنى ئويلاش كېرەك

تەڭرىتاغ مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ

پارتىيەنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

ياخشى سىياسەتكە تايىنىپ يېڭى سەھىپە يارىتايلى

بىر تۈركۈم قانۇن–نىزاملار1–ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号