باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەدەنىيەت ئىزنالىرى

خەلقىمىزدە چاچ گۈزەللىكى

ئاپتور: غالىب مۇھەممەد قارلۇقيوللانغان ۋاقىت: 2010-04-13 11:14

                                                  

   گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتى. دۇنيادا گۈزەللىككە ئىنتىلمەيدىغان قوۋم، مىللەت بولمايدۇ. خەلقىمىزمۇ گۈزەللىككە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، جۈملىدىن چاچ گۈزەللىكىگىمۇ ھەم شۇنداق. قەدىمكى دەۋرلەردە خەلقىمىز ئانىمىزملىق ئېتىقادنىڭ تەسىرىدە چاچنى ئۇلۇغلىغان. چاچنىڭ ئۆسۈشى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشىغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ئۇلۇغلاش، ئاسراشنى خاسىيەتلىك دەپ بىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئاياللارنى ئۇلۇغلاش، ئاياللارغا خاسىيەتلىك، سېھرىي كۈچ بېرىش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ چېچىمۇ خاسىيەتلىك ھەم مۇقەددەس دەپ تونۇلغان. شۇنىڭ بىلەن چاچقا مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەكلەر ھەم پەرھىزلەر بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن، ‹‹ چىن تۆمۈر باتۇر ›› چۆچىكىدىكى مەختۇمسۇلانىڭ دەريا بويىدا چاچ تاراپ بالا غا يولۇققانلىقى، بەزى چۆچەكلەردە ئاق چاچلىق مومايلار ۋە ھۆر – پەرىلەرنىڭ مۈشكۈلاتتا قالغان كىشىلەرگە چېچىدىن بېرىپ ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىشى، خەلق ئارىسىدا ئاياللارنىڭ ئۇزۇن چېچىنى كېسىشىنىڭ ئېغىر ئېلىنىشى، ‹‹ چاچنى دەسسىسە ›› ياكى ‹‹ چاچنى قالايمىقان تاشلىسا يامان بولىدۇ ›› دېيىشلەر، چاچ كۆيدۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىدەك ئادەتلەر ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    ئەلۋەتتە، خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك ئېڭى ۋە ئېتىقادىدا تېگىشلىك زېمىن ھازىرلىغان چاچ ھەم چاچ گۈزەللىكى ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ھالقىپ يازما ئەدەبىياتقىمۇ سىڭگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمىدىكى ئۆلمەس مەجازىغا ئايلانغان. شۇنداق، باي ۋە مول مەزمۇنلۇق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئىدېئال يار ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك قىزغىن، گۈزەل شېئىرىي تەلقىنلەر كۆپلەپ ئۇچرايدۇ، جۈملىدىن ئاشۇ گۈزەل يار ئوبرازىنىڭ گۈزەللىكىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتە، ئۇنىڭغا سېھرىي كۈچ، جەزىبە ئاتا قىلىشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان نەپىس تەسۋىرلەرمۇ دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدۇ. كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدىكى چاچ ھەققىدىكى بايانلاردىن چاچنىڭ ئېتىقاد ۋە گۈزەللىك نۇقتىسىدا تۇتقان ئورنى، شۇنىڭدەك ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ يۈكسەك ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدىكى چاچ تەسۋىرى ھەقىقەتەن بەلگىلىك بەدىئىي سەۋىيە ياراتقان بولۇپ، بۇنى مۇنۇ نۇقتىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:

    چاچ گۈزەل يار ئوبرازىنىڭ سىماسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسىلەن، كىلاسسىكلىرىمىزدىن ئەلىشىر نەۋائىي تەلقىنلىرىدە چاچنى مۇنداق سۈپەتلىگەن:

    قوينىدا ئەفتى، نې مۇمكىن كۆزگە ئۇيقۇ كىرگەلى،

    ئولكى ھەر كۈن ياد ئېتەر بىر زۇلفىنىڭ پىچۇخەمىن.

    (مەنىسى: قوينىغا زەھەرلىك يىلان كىرىۋالسا كۆزگە ئۇيقۇ كىرەمدۇ، ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئۇخلىماسلىقىمۇ بىر تولغىما چاچنىڭ خىيالىغا چىرمىشىپ قالغانلىقىدىن)

    ئول قۇياشقە زەررەدەك ئۇششاق ھەيراندۇر ھەمە،

    زۇلف سەۋداسىدا مەجنۇندەك پەرىشاندۇر ھەمە.

    (مەنىسى:ئۇ گۈزەلنىڭ جامالىغا ئاشىقلار ھەيراندۇر، ئۇنىڭ چېچىغا مەپتۇن بولغانلار مەجنۇندەك ئەس – ھوشىنى يوقىتىدۇ).

    كىلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە تەسۋىرلىنىۋاتقان چاچ مىللىي خاسلىق، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە ئېستېتىك قاراشلىرىمىز بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، شۇنداقلا ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئىزدىنىشى ۋە ئارزۇ – ئىستەكلىرىنىڭ بەدىئىي ئىنكاسىدۇر. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، چاچقا مۇناسىۋەتلىك يۇقىرىقىدەك شېئىرىي تەلقىنلەرنى قانداقتۇر نوقۇل مەنىدە ئىشىق – مۇھەببەت مەكتۇپلىرى دەپ چۈشىنىۋالماسلىق كېرەك.

    چاچ خەلقىمىزنىڭ نەزەرىدە گۈزەللىك ئۆلچەملىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. شۇڭا چاچ ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن، چاچنى مۇھاپىزەت قىلىشقا دائىر يەرلىك ئادەتلەر كېلىپ چىققان. ئاياللار ئەزەلدىنلا ئۇزۇن چاچ قويۇشقا، ئەرلەر چېچىنى ۋاقتى – ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ تۇرۇشقا ياكى قىسقا چاچ قويۇشقا ئادەتلەنگەن. ئۇزۇن چاچ ئاياللارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچەملىرىنىڭ مۇھىم تۈرىگە ئايلانغان. ئاياللار چېچىنىڭ توملۇقى، ئۇزۇنلۇقى ھەم قارىلىقى بىلەن پەخىرلەنگەن. تىلىمىزدىكى ‹‹ سۇمبۇل چاچ ›› ‹‹ بوستان چاچ ›› دېگەن سۈپەتلەر بۇنىڭ روشەن دەلىلى.

    بۇرۇن قىز – ئاياللىرىمىزدا ئۇزۇن چاچ قويۇشتا بىر يۈرۈش ئادەتلەر بولغان: ئادەتتە، ياتلىق بولمىغان قىزلارنىڭ چېچى 15، 17، 21 تال ھەتتا 41 تال قىلىپ تاق، ياتلىق بولغاندىن كېيىن جۈپ ئۆرۈلەتتى. ئېرىدىن ئايرىلغان ياش ئاياللار تۇللۇقىنىڭ بەلگىسى ھېسابىدا چېچىنى بەش، يەتتە، توققۇز تال قىلىپ ئۆرۈۋالاتتى. نەۋرىلىك بولغان ئاياللار ئۇزۇن چېچىنى ئىككى تال ئۆرۈپ، ئۇنى چاپتەڭگە بىلەن جۈپلىۋالاتتى. دېمەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ تۈرىگە قاراپلا ئۇنىڭ قىز، چوكان، جۇۋان، نەۋرىلىك بولغان ئايال، ياشانغان ئايال ۋە تۇل ئايال ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولاتتى. بىراق، بۇنداق چاچ مەدەنىيىتى بۈگۈنكى كۈندە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتتى...

    قىسقىسى، بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىزدىكى چاچ گۈزەللىكى ئېڭى ئەنئەنىۋى تەركىبلەردىن كۆرە، زامانىۋى تەركىبلەرگە بولغان مايىللىقىنى كۆپرەك ئىپادىلەپ، ئەبجەش ھالەتتە بېيىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر خانىم – قىزلىرىمىزغا ئەجدادلىرىمىزنىڭ چاچ ھەققىدىكى قاراشلىرى، گۈزەللىك ئادەتلىرىنى، چاچ ئاسراش رېتسېپلىرى ۋە پەرھىزلىرىنى سەمىگە سېلىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ قالدى.

غالىب مۇھەممەد قارلۇق
 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش–ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

مىللەتلەر ئارا ئىشەنچنى زور كۈچ بىلەن چىڭىتايلى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر تەتقىقاتتا ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، دەپ قارىدى

ھەممە ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال خەلقنى ئويلاش كېرەك

تەڭرىتاغ مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ

پارتىيەنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

ياخشى سىياسەتكە تايىنىپ يېڭى سەھىپە يارىتايلى

بىر تۈركۈم قانۇن–نىزاملار1–ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号