ئاپتونوم رايونىمىز كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىشتەك تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، مىللەتلەر ئارا ئىشەنچنى زور كۈچ بىلەن چىڭىتىش، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىي – ئىدىيەۋى خىزمىتىمىزدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان ۋەزىپە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك.
شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق ۋەتەنگە تەلپۈنىدۇ
مىللەتلەر ئارا ئىشەنچ دۆلىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئېسىل تارىخىي ئەنئەنىسى. دۆلىتىمىز قەدىمدىن تارتىپلا بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، خەنزۇلار بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە دوستانە بېرىش – كېلىش ئۇزاق تارىخ مۇساپىسىدە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلگەن. مەيلى خەنزۇلار بولسۇن، ياكى ئازسانلىق مىللەتلەر بولسۇن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى پارلاق مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە راۋاجلىنىشىغا، تاشقى تاجاۋۇزچى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا تۆھپە قوشقان. تارىختا خەنزۇلار ئارىسىدىمۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ مەشھۇر ئالىم، مۇتەپەككۇر، تارىخشۇناس، تىلشۇناس، ئەدىب، سەنئەتكارلار چىققان. ئۇلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان سەمىمىي ساداقىتىنى ئىپادىلىگەن، خەنزۇلار بىلەن ئازسانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى قېرىنداشلارچە دوستلۇققا قىزغىن مەدھىيە ئوقۇغان. مەسىلەن: مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى تۈزگەن ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دىكى ‹‹تاۋغاچ›› تېرمۇنىدا شىنجاڭدىكى ‹‹قاراخانىيلار ھاكىمىيىتى جۇڭگونىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتى، قاراخانىيلىقلار چىنلىق، يەنى جۇڭگولۇق›› دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ تارىخىي ماتېرىيال بۇنىڭدىن 1000 يىللار ئىلگىرى شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۈيۈك ئائىلىسىنىڭ بىر قىسمى، يەنى جۇڭگولۇق دەپ بىلگەنلىكىنى كۆرسەتتى. يېقىنقى زامان تارىخىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، شانلىق سەھىپە ياراتتى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ۋەتەنگە تەلپۈنىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشنى كۆزلەيدىغان مىللەتلەر بولۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئۆزئارا تولۇق ئىشىنىدىغان چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ھەر بىر پۇقرانىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە دۆلىتىمىزدە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق سىياسى جەھەتتە باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى. پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى يېڭى تارىخىي باسقۇچتا تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتە، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي مېلودىيەگە ئايلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
شىنجاڭدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى. 1950 – يىلى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىر 3000 ئىدى، 1955 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا 47 مىڭغا يەتتى. 2004 – يىلىغا كەلگەندە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى 338 مىڭغا يېتىپ، شىنجاڭدىكى كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %52 ىنى ئىگىلىدى، بۇ، 1950 – يىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ 110 ھەسسىسىگە تەڭ. شىنجاڭدا 1950 – يىلى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان كەسپىي تېخنىكلار 460 بولۇپ، ئەينى چاغدىكى كەسپىي تېخنىكلار ئومۇمىي سانىنىڭ %23 ىنى ئىگىلەيتتى. 2004 – يىلىغا كەلگەندە ئاز سانلىق مىللەت كەسپىي تېخنىكلار 256 مىڭغا يېتىپ، كەسپىي تېخنىكلار ئومۇمىي سانىنىڭ %56 ىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى. بۇ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىپايان زېمىننىڭ خوجايىنىغا ئايلانغانلىقىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىدى.
دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تارىخ شۇنى چۈشەندۈردىكى، خەنزۇ كادىرلار ۋە ئامما ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرەلىگىنىگە ئوخشاش، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئاممىمۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، خەنزۇ كادىرلار، ئاممىغا زور ياردەم ۋە مەدەت بېرەلەيدۇ. ھازىر مىللەتلەر ئارا ئىشەنچنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىدۇر، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى پەيدا قىلغان روھىي جاراھەتنى داۋالاش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نىڭ بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى تارمار قىلىشنىڭمۇ زۆرۈر ئېھتىياجى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان ۋەزىپە.
يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، مىللەتلەر ئارا ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك
مىللەتلەر ئارا ئىشەنچنى چىڭىتىشتا مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش شەرت. بۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىياسىي – ئىدىيەۋى ئاساسنىلا ئەمەس، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئاساسنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. دۆلىتىمىز بازار ئىگىلىكىنى يۆنىلىش قىلغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا پەرق مەۋجۇت. بۇنداق ۋەزىيەتتە، گەۋدىلىك بىر مەسىلە ئالدىمىزغا قويۇلدى، يەنى بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، مىللەتلەر ئارا ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش كېرەك.
1. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنىڭ ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىنى ئاساس، قىلىپ، خەلقنى بېيىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قالاق قىياپىتىنى دەرھال تۈپتىن ئۆزگەرتىش كېرەك.
تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى تەكرار ئىسپاتلىدىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى شىنجاڭ ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىدىكى كۆزنەك، شۇنداقلا شىنجاڭدا مىللەتلەر ئارا ئىشەنچنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ھالقىسىدۇر. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش – قىلماسلىقى شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىناقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن سانائەتلىشىشكە ئۆتۈشىنى تېزلىتىش، شەھەرلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ يولى. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىشسىزلىق تۈپەيلىدىن خاتا يولغا مېڭىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2 . ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىش كېرەك.
ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ كاپالىتى، يەنى مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ زۆرۈر شەرتى. يېقىنقى يىللارىن بۇيان، شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىگە زور كۈچ سەرپ قىلىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا. بىز بىر تەرەپتىن ئىشسىزلارغا قارىتىلغان كەسپىي تەربىيەلەشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن ئاكتىپ شارائىت ھازىرلىشىمىز كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، ئوتتۇرا، كىچىك پۇقراۋى كارخانىلارنى زورايتىپ ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى يولغا قويۇپ، پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشنىڭ ئاساسلىق يولى قىلىشىمىز كېرەك. مەن يەنە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، ئەمگەك تەييارلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان يېڭى ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە كەسىپ تېخنىكا جەھەتتە سىستېمىلىق تەربىيىلەپ ھەم ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ سەرخىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
3. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ. شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە سىڭىپ كىرىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر كەسكىن بولماقتا. بۇنداق سىڭىپ كېرىش مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچنى سۇسلاشتۇرماقتا. بىز ئۈرۈمچى ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىكى جىنايەتچىلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانۇن – تۈزۈم قارىشى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنىڭ شۇنچە ئاجىز ۋە تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، تار مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى بايقىدۇق. بۇ نۇقتا بىزگە شۇنى ئېنىق ئۇقتۇردىكى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئىجابىي تەربىيەگە تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ؛ بىز ئىجابىي تەربىيەنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، تەنقىد قورالىنى ئىشلىتىشكىمۇ ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك تارمەنىدىكى ئىدىيەلەرنى تەنقىد قىلىشىمىز كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسى ۋە پۇقرالىق ئېڭى تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەن ئېڭى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك .
4 . ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر، مەھەللە قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئۈرۈمچى ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈدىكى، شەھەر، مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شەھەرنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى. ئۇل مۇستەھكەم بولمىسا، ھەرقانچە مەزمۇت بىنامۇ گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ شەھەر – يېزا تۇتاشقان جايدىكى مەھەللە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاجىز ھالقا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇنداق مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن كۆچمە نوپۇسلار بولۇپ، ئازسانلىق مىللەت ئاھالىسى كۆپرەك، قارا نوپۇسلار، ئىشسىزلار، مۇقىم تۇرالغۇسى يوقلار مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ قېتىم ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىگە قاتناشقان زوراۋان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق مەھەللىلەردىن كەلگەن كۆچمە نوپۇسلاردۇر. شەھەرلىشىش جەريانىدا كۆرۈلگەن بۇنداق يېڭى ئەھۋال ئەلۋەتتە كۈچلۈك دىققىتىمىزنى قوزغىشى كېرەك.
ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، شەھەر – يېزا تۇتاشقان جايدىكى مەھەللىلەرنى رەتلەپ، تەرتىپكە سېلىپ، كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەم كۆچمە نوپۇس ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش، ھەم كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۇلارنى قانۇن – تۈزۈمگە رىئايە قىلىشقا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ باي بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىجارە ئۆي ئىگىسى ئارقىلىق كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش ئۇچۇر پونكىتى قۇرۇش ئۇسۇلى ئۈنۈملۈك تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە، سانائەتلىشىش ۋە شەھەرلىشىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېزا نوپۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز شەھەرگە كىرىشى ھازىرقى چوڭ ۋەزىيەت بولۇپ قالدى. مەن شۇنداق تەكلىپ بېرىمەنكى، شەھەر ۋە رايوندىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك كۆچمە نوپۇسلارنى مەخسۇس باشقۇرۇش ئورگىنى قۇرۇپ، بۇنداق مەھەللە باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش مەسئۇلىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆچمە نوپۇس ئىجازىتى ۋە باشقۇرۇش نىزامىنى تۈزۈپ، نوپۇسنىڭ تەرتىپسىز ئېقىشىنىڭ تولۇق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كۆچمە نوپۇسلار ئارىسىدىكى بەزى پاسسىپ ئامىللارنى تۈگىتىپ، ئاكتىپ ئامىللارنى جارى قىلدۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ئۇلارغا قانۇنلۇق تىجارەت قىلىپ جان بېقىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك. كۆچمە نوپۇسلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش كۇرسى ۋە قانۇن – تۈزۈم ئۆگىنىش تەربىيەسىگە پىلانلىق تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. كۆچمە نوپۇس كۆچۈپ چىققان رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ شۇ رايوندىكى قانۇنغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەش، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇش كېرەك. يەنە شۇنداق تەكلىپ بېرىمەنكى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر – يېزا تۇتاشقان جايىدىكى مەھەللە قۇرۇلۇشى پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، بۇ مەھەللىلەردە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پىلانلىق يولغا قويۇپ، يول، توكنى راۋانلاشتۇرۇش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، كېرەكسىز سۇ، ئەخلەتنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش كېرەك. كەپە ئۆيلۈك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش شىنجاڭدىكى كۆچمە نوپۇسلار كۆچۈپ چىققان رايوندىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. كۆچمە نوپۇس كۆچۈپ چىققان رايوندىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى چوقۇم ئومۇمىيلىق قارىشىغا ئىگە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەركىزىي شەھىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتەك ئومۇمىيلىقنى ئاساس قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەھەللىلىرىنىڭ كۆچمە نوپۇسلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئەسلىي يۇرتىدىكى نوپۇس سالاھىيەت ئىسپاتىنى چىقىرىپ بېرىش كېرەك. ئەسلىي يۇرتىدا قانۇنغا خىلاپ جىنايىتى بىلەن جازالانغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەھەللىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇقتۇرۇپ ، نازارەت قىلىش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشكە قولايلىق يارىتىش كېرەك.
5 . قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە توسۇش كېرەك.
مەركەز مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق خەۋپ، دەپ كۆرسەتتى. يېقىندا مەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە ئۇدا بىر نەچچە قېتىم زەربە بېرىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا يۈز بېرىپ تۇرغان، شۇڭا تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ قەتئىي توسۇش كېرەك.
قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتتىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىشىدىكى كۆرۈنەرلىك بىر ئالاھىدىلىك. ئۇلار ئۆز ئالدىغا دىنىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنى قۇرۇش، ۋەز – تەبلىغ سۆزلەش سورۇنلىرىنى تۈزۈش، دىنىي ئەسەبىيلىكنى قوزغاش ئارقىلىق ۋەتەننى پارچىلاش غەرىزىگە يەتمەكچى بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئامما بىلەن خەنزۇ ئاممىسى ئارىسىدا زور زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەرگەندىلا، ھەرمىللەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلىغىلى بولىدۇ.
يۇقىرىدىكى بايانلارغا ئاساسەن شۇنداق تەكلىپ بېرىمەنكى، ‹‹قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى›› تۈزۈپ، ھەرخىل قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھەللە، بولۇپمۇ شەھەر – يېزا تۇتاشقان جايدىكى مەھەللىلەرنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەرلىك ئامما ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا تايىنىپ، يوشۇرۇن ۋەز – تەبلىغ قىلىش سورۇنلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى چىڭىتىشقا ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلاش كېرەك.