
162كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى توپتوغرا بىر ساندۇق قەدىمكى تەڭگە — مەدەنىي يادىكارلىق تارماقلىرىنىڭ قۇمۇل ئاۋات بازار رايونىدىكى بىر قېتىملىق قېزىشتىن ئالغان ھوسۇلى بولۇپ ، بۇ بىر تۈركۈم تەڭگىلەرنىڭ كۆپ قىسمى چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ دەۋرىنىڭ ، بەزىلىرى باشقا دەۋرلەرنىڭ ئىكەنلىكىگە دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىندى.
27–مارت چۈشتىن بۇرۇن ، بىر قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇمۇل شەھىرى غەربىي ئازادلىق يولىدىكى ئەسلىدىكى داشىزى مەسچىتىنىڭ غەربىگە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئورنىتىۋاتقان ئىدى. سائەت 11:30 دا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى تۇرۇبا ياتقۇزۇش ئېرىقچىسىنى كولاۋاتقاندا ، تۇيۇقسىز بىر قىسىم قەدىمكى تەڭگىلەرنى بايقىدى.

دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ شياۋمىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى دەرھال نەق مەيدانغا كېلىپ ، قېزىش ۋە رەتلەش ئېلىپ باردى . ئۇلار چوتكا بىلەن تەڭگە ئەتراپىدىكى قۇم – توپىلارنى تازىلىدى . جۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: بىز بارلىق قۇم–توپىلارنى تازىلاپ بولغاندا، بىر ياغاچ ساندۇق چىقتى ، ساندۇقتا تىزىق قىلىنغان قەدىمكى تەڭگىلەر بار ئىدى ، بىز بەك خۇش بولۇپ كەتتۇق››.
بۇ ياغاچ ساندۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 75 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى (ئېگىزلىكى) 30 سانتىمېتىر. قەدىمكى تەڭگىلەر چىگە ئارغامچا بىلەن باغلىنىپ ، رەتلىك قىلىپ ، جەمئىي يەتتە قاتار تىزىپ قويۇلغان. كۆمۈلگەن ۋاقتى ئۇزاق بولغانلىقتىن ، ياغاچ ساندۇق ۋە چىگە ئارغامچا پۈتۈنلەي دېگۈدەك چىرىپ، ئۈزۈلۈپ كەتكەن ، بىر قىسىم تەڭگىلەرنىڭ داتلىشىپ چىرىشى ئېغىر بولغان.
بۇ قەدىمكى تەڭگىلەرنىڭ بەزىلىرى چاسا تۆشۈكلۈك يۇمىلاق ، بەزىلىرى تۆشۈكسىز بولۇپ، داتلاشمىغان تەڭگىلەرنىڭ ئۈستىدىكى ‹‹بۈيۈك چىڭ تەڭگىسى››، ‹‹چيەنلۇڭ دەۋرىدە ئۆتىدۇ››(大清铜币、乾隆通宝) دېگەن خەتلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
بۇ قېتىم جەمئىي 162.475 كىلوگىرام قەدىمكى تەڭگە قېزىۋېلىنغان . جۇ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ، بۇ بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مۇزېيغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى ، كېيىنكى قەدەملىك دېتىنى چىقىرىش ۋە تۈرگە ئايرىش تەتقىقات خىزمەتلىرىنى بۇ مۇزېي ئېلىپ بارىدۇ.
قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قەدىمكى تەڭگىلەرنىڭ بۇ جاينىڭ ئەينى دەۋردىكى سودا مەدەنىيىتى ۋە يىپەك يولىنىڭ سودا–ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەھمىيىتى زور ئىكەن.