باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مىللەتلەر ئارا

شىبەلەر ۋە ئۇلارنىڭ قۇت نىشانى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-04-09 16:02

    

    شىبەلەر مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ۋە قەدىمكى مەدەنىيەتكە ئىگە. ئۇلار ئاساسەن شەرقىي شىمالدىكى لياۋنىڭ، جىلىن ، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردە ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ  چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئاز بىرقىسمى غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان .

     شىبەلەرنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار، خەنزۇ تىل - يېزىقىنى قوشۇمچە قوللىنىدۇ، شىبە تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى مانجۇ - توڭگۇس تىللىرى ئائىلىسىنىڭ مانجۇ تىل تارمىقىغا كىرىدۇ. ئىگىلىك جەھەتتە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ.
     شىبەلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن زىيالىيلىرى بىرقانچە مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار مائارىپ، تەرجىمە، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شىبەلەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى مول ۋە خىلمۇخىل بولۇپ، «جۇدالىق كۈيى»، «ئۈچ بەگلىك ناخشىسى» ۋە باشقا ژانىردىكى نەسرىي ئەسەرلىرى خەلق ئىچىدە چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە. ئەسەرلەردە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ساپ مۇھەببىتى ۋە بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش ئارزۇلىرى مەدھىيىلەنگەن. شىبەلەر ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرى يارقىن ۋە سەلتەنەتلىك.
     ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش شىبە خەلقى ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتلەر بولۇپ، ھازىر بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر تېخىمۇ جۇشقۇن، جانلىق قانات يايدۇرۇلماقتا. شىبەلەر ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئوقيا ئېتىش ماھىرلىرى يېتىشىپ چىقىپ، ھەر قېتىملىق مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.
     شىبەلەر ھەر يىلى 18 - ئاپرېلدا «غەربكە كۆچۈش» بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ، باشقا بايراملىرى ئاساسەن خەنزۇلارنىڭ بايراملىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
     شىبەلەر ئاتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. تارىختا، ئات بۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلگەن ھەمدە ئۇلارغا ھەمرا ھ بولۇپ ئۇزاق تارىخىي جەريانلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. شۇڭا، ئۇلار ئاق ئاتنى ئۆزلىرىنىڭ قۇت نىشانى قىلغان.
   «چەۋەنداز مەرگەن» مىللىتىدىن «تېرىقچىلىق» پۇقراسىغا، ئۇنىڭدىن ھالقىپ «تەرجىمان» مىللەتكە ئۆتۈشتىن ئىبارەت بۇ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بۇ مىللەتنىڭ پۈتكۈل تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى، يەنى ئۇلار تىۋىنىدىغان ئاق ئات ئوبرازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەرياننى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

 مەنبە: www.seltenet.com تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ساقچىلار ئىنتىزامى نىزامى يېقىندا يولغا قويۇلىدۇ

ھىندىستان 1962 –يىلىدىكى جۇڭگو ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى

سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەخپىي‹‹خاسىيەتلىك ئادەم ››قىسىمى بولغان

يېڭىلىق يارىتىش روھى: دۇنيا يەرمەنكىسىدىكى ئەڭ جەلپكار مەنزىرە

ئىسلاھات ، تەرەققىياتنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى

تەڭشەشنى تېخىمۇ چىڭىتقاندىلا، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ

تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئۆي–زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

مەن خەلقىم بىلەن بىللە


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号