باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مىللەتلەر ئارا

قىرغىزلار ۋە «ماناس» ئېپوسى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-04-09 15:54

    قىرغىزلار ئۇزاق تارىخقا ، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى . ئېلىمىزدىكى قىرغىزلار ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىرقىسمى شىمالىي شىنجاڭدىكى دۆربىلجىن ، تېكەس ناھىيىلىرىدە ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇيۇ ناھىيىسىدە ( تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق نوپۇس ) تارقاق ئولتۇراقلاشقان .

 

    قىرغىزلارنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار . قىرغىز تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ قىپچاق تىل تارمىقىغا كىرىدۇ . قىرغىزلار مىلادىيە 7 - ، 8 - ئەسىرلەردە قەدىمكى قىرغىز يېزىقىنى قوللانغان ، يەنى ئورخۇن ، يېنسەي يېزىقىنى قوللانغان . كېيىن يەنە ئەرەب ، پارس يېزىقىنى ئاساس قىلغان چاغاتاي يېزىقىنى ئىشلەتكەن ھەم چاغاتاي يېزىقى ئاساسىدا قىرغىز يېزىقىنى ئىجاد قىلغان .

    قىرغىزلارنىڭ كۈندىلىك ئىستېمالىدا گۆش ، سۈت ، سېرىقماي ۋە بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان يېمەك - ئىچمەكلەر ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ ؛ قىرغىزلارنىڭ قىممەتلىك يۇڭ - تېرىلەردىن ئىشلەنگەن تون ۋە كۆڭلەك - يوپكىلىرى چوڭ سۈپەت ھەم پىششىق بولىدۇ ؛ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قوي يۇڭى ، تۆگە يۇڭى ۋە قوتاز يۇڭلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭ بولىدۇ .

    قىرغىزلار باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاشلا نورۇز بايرىمىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى سۈپىتىدە كاتتا مۇراسىملار ئارقىلىق داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ .

    قىرغىزلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرى ناھايىتى مول بولۇپ ، ئېلىمىز ۋە خەلقئارادا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە. « ماناس » __ قىرغىزلار ئارىسىدا ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئاغزاكى ئېيتىلىپ كېلىنىۋاتقان مەشھۇر تارىخىي داستان ، شۇنداقلا قىرغىز خەلقى پەخىرلىنىدىغان خەلق ئەدەبىياتى ئەسىرىدۇر . « ماناس » سەككىز قىسىمغا بۆلۈنىدۇ ، جەمئىي 200 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىر - قوشاقتىن تەركىب تاپقان . « ماناس » __ پۈتۈن ئېپوسنىڭ ئومۇمىي نامى ، شۇنداقلا 1 - قىسىمنىڭ نامى بولۇپ ، باشقا ھەربىر قىسىمنىڭ ئۆز ئالدىغا نامى بار ، بۇلار گەرچە مۇستەقىل قىسىم بولۇپ تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەزمۇنى ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولۇپ ، باش - ئاخىرى ماسلاشقان ، پۈتۈن سەككىز قىسىمنى قوشسىڭىز ، يەنە بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ چىقىدۇ - 1 . قىسمى پۈتۈن داستاننىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ، شۇنداقلا مەزكۇر ئېپوسنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدا قەھرىمان ماناسنىڭ تۇغۇلۇشى ، ئۆسۈپ - يېتىلىشى ۋە تۆھپىلىرى بايان قىلىنغان - 2 . قىسمى « سەمەتەي » ، 3 - قىسمى « سەيتەك » بولۇپ ، بۇ قىسىملار ماناسنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىسىنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئىبارەت ، قالغان بەش قىسمى ئۇلاردىن كېيىنكى بەش ئەۋلاد پەرزەنتلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىدىن ئىبارەت .

    قىرغىزلارنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبىنى مەركەزلىك ئىپادىلەيدىغان ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بۇ ئەسەر قىرغىز خەلقىنىڭ زۇلۇمغا ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ئاساسىي تېما قىلغان . ئۇنىڭ مەزمۇنى جانلىق ۋە مول ، ۋەقەلىكى ئەگرى - توقاي ۋە تەسىرلىك ، تىلى ئاددىي . داستاندىكى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان شېئىرلاردا ، ھەم خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتتە رىيازەت چەككەنلىكى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشلىرى تەسۋىرلەنگەن ، ھەم قەھرىمانلارنىڭ زوراۋانلىققا باش ئەگمەسلىك ، ھەققانىيەتنى قوغداشتەك باتۇرانە روھى ماختالغان ، باتۇر ئوغلانلارنىڭ ئۆزلىرى ياشىغان ، تىرىكچىلىك قىلغان يۇرتىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى مەدھىيىلەنگەن . « ماناس » بىر ئېپوس بولۇش سۈپىتىدە ، جىددىي ۋەقەلەر بىلەن تولغان ؛ خەلق ئەدەبىياتى بولۇش سۈپىتىدە ، ناخشا - مۇزىكا بىلەن ماسلىشىپ كەلگەن . ئۇنىڭدا سۈرەتلەنگەن قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى رىۋايەت شەكلىدە خەلقنىڭ قەلبىدە ياشاپ كەلمەكتە . مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ، « ماناس » ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تارقىلىش ئۇسلۇبى بىلەن ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان قىرغىز خەلقى ئارىسىدا ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا تارقىلىپ كەلمەكتە .

    ( خەمىت نېغمەت تەييارلىدى )

 مەنبە: www.seltenet.com تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىسلاھات ، تەرەققىياتنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولايلى

تەڭشەشنى تېخىمۇ چىڭىتقاندىلا، ئۆي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ

تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئۆي–زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

مەن خەلقىم بىلەن بىللە

بىز خەلق بىلەن بىللە

بۈگۈن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۈشۇ يەرتەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇلىدۇ

مەركەزنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش–ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

مىللەتلەر ئارا ئىشەنچنى زور كۈچ بىلەن چىڭىتايلى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号