باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

تەڭرىتاغ مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-04-09 11:12

    شىنجاڭنىڭ چوڭ قۇرۇلۇش،چوڭ ئېچىش ۋە چوڭ تەرەققىيات تارىخىي پۇرسىتىنى كۈتۈۋېلىشى توغرىسىدا

    ۋاڭ شىنخۇڭ ، يۈەن لېي ، لى خۇي

    2010 – يىلى شىنجاڭنىڭ تارىخىدا يېڭى شانلىق سەھىپە يارىتىلىش يىلى بولۇپ قالغۇسى.

    3 – ئاينىڭ 29 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە مەملىكەتلىك ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى.

    مەركەز شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللىدى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئەھمىيەت بەردى.

    ‹‹ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شىنجاڭنىڭلا ئىشى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۆلەتنىڭ ئىشى ››

    شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن يوليورۇقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ: ‹‹ ئىقتىساد يىلدىن – يىلغا گۈللەنمەكتە، خەلقنىڭ تۇرمۇشى يىلدىن – يىلغا ياخشىلانماقتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلايمىز دەيدىكەنمىز، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك ›› . سەمىمىي ئۈمىد ۋە زور غەمخورلۇق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئەزەلدىن كۆڭۈل بولۇش، قوللاش ۋە ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى.

    بۇ يىل مەملىكەتلىك ‹‹ ئىككى يىغىن ›› دا يولداش جۇ يۇڭكاڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قاراپ چىقىشقا قاتناشقاندا، كېيىنكى ئون يىلدا شىنجاڭ پۈتكۈل مەملىكەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش باسقۇچىغا بىرلىكتە قەدەم قويىدۇ، دېگەنىدى.

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور قوللىشى بولمىسا، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللەپ ياشنىغان بۈگۈنى بولمايتتى

    ‹‹ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ›› تىن ئىبارەت بۇ يېتەكچى ئىدىيەگە يولداش ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىننى يادرو قىلغان مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئۈچ ئەۋلاد رەھبەرلىك كوللېكتىپىدىن يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىغىچە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئىزچىللاشتۇردى.

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ رايونىغا جايلاشقان ‹‹1 – ئىيۇل›› پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى شىنجاڭ سانائىتىنىڭ تۇنجى ۋەكىلى بولۇپ، بىر مەھەل تازا گۈللەنگەنىدى. ‹‹1 – ئىيۇل›› پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بوۋاي – مومايلار ئاشۇ مەزگىلدىكى ئىشلارنى تۈنۈگۈن يۈز بەرگەندەكلا ئېسىدە ساقلىغان؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولى ئۈرۈمچىگىچە تۇتاشتۇرۇلدى، چوڭ كۆل سۇ ئامبىرى، مېڭجىن سۇ ئامبىرى قاتارلىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلدى، بانكا، سودا شىركىتى، پوچتىخانا، دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە مەكتەپلەر ئارقا – ئارقىدىن گۈللەندى، ‹‹1 – ئىيۇل›› توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۆمۈر زاۋۇتى، ‹‹ئۆكتەبىر›› ئاپتوموبىل رېمونت زاۋۇتى قاتارلىق بىر تۈركۈم زاۋۇت – كانلار قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى سانائەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

    ھەر بىر تارىخىي بۇرۇلۇش مەزگىلىدە، دۆلەت خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى ياكى يىرىك پىلاننى تۈزگەندە، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرى، يېزا ئىگىلىك ئاساسىي تەرەققىيات نىشانى، زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىقلارنى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بەردى.

    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنستىرلىق، كومىتېت، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانا ۋە تەرەققىي تاپقان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشكە دائىر كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتتى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ زور ئېچىش، زور تەرەققىيات، زور گۈللىنىشنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى كۈتۈۋالدى.

    بۇ شانلىق نەتىجىلەرنىڭ ئارقىسىغا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ 1950 – يىلىدىن 2008 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي 386مىليارد 230مىليون يۈەنلىك مەبلەغ تۈۋرۈكى يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇلار ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ %25.7ىنى ئىگىلەيدۇ.

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دانا تەدبىرىنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى

    22 يىل ئىلگىرى، بىر ياش ئۈرۈمچىدىكى چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىسىنىڭ كادىرى بولۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئىجارىگە ئېلىش، ھۆددىگە ئېلىش يولىنى تاللاپ، ۋەيران بولغان سانجى شەھەرلىك تىرانسفورموتور زاۋۇتىنى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى پاي تۈزۈمىدىكى كارخانىغا ئايلاندۇردى.

    22 يىلدىن كېيىن، ئىلگىرىكى كىچىك زاۋۇتنىڭ تېخنىكى مەملىكەت بويىچە توك يەتكۈزۈش، چىقىرىش ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانا گۇرۇھىنىڭ ‹‹ئاتامانى ›› غا ئايلاندى.

    ‹‹ مۇبادا دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىش سىياسىتى، شۇنداقلا مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بولمىغان بولسا، بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش سۇپىمىز بولمىغان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتىنىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى››. مانا بۇ ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھىنىڭ لىدىرى جاڭ شىننىڭ يۈرەك سۆزى.

    شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، جاڭ شىنغا ئوخشاش سانسىزلىغان كىشىنىڭ تەقدىر – قىسمىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، زور ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

    ‹‹ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ›› ، ‹‹ غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش ›› قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە باشلىنىشى بىلەن، دۆلەتنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئېلېكتىر تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى نۇقتىلىق ھالدا غەربكە مايىل بولدى؛ گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە پىكىرىدە شىنجاڭنى مەملىكەت بويىچە چوڭ تىپتىكى نېفىت، گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاش بازىسى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بازىسى، ئېنېرگىيەنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى بىخەتەر ئۆتكىلى قىلىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ كۆمۈر سانائەت تەرەققىياتىدىكى ياخشى پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدىكى ‹‹ زاپاس ›› ئورۇندىن ‹‹ ئاساسىي كۈچ ›› كە ئايلاندى.

    ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، كۇچا، تۇرپان، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشىلەر يۈز بېرىپ، نەچچە ئون مىليون توننىلىق كۆمۈرلۈكتە ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلاندى.

    ‹‹ قارا ئالتۇن ›› ئۆز نۇرىنى ئەتراپقا چاچتى، نېفىت، پاختا، باغۋەنچىلىك قاتارلىق ھەر قايسى چوڭ كەسىپلەر سەرخىل بايلىقى ۋە مەركەزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

    مەركەز خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىللىقلىقىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە يەتكۈزدى

    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئالەمشۇل ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى:

    يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر سېلىنىپ، ئاسفالت يوللار ياسالدى، تۇرۇبا سۈيى ئىچىپ، ھەقسىز ئوقۇشتىن بەھرىمەن بولدۇق...

    1949 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بىرلا ئالىي مەكتەپ بولۇپ، ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى مەكتەپتە ئوقۇيالمايتتى. بۈگۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگەردى.

    تۈركۈم – تۈركۈملەپ كەلگەن مەبلەغ مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۇل مائارىپىغا سالغان سېلىنمىسىنىڭ شاھىتى بولۇپ قالدى:

    2003 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە مەركەز 300مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭدا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز دەرسلىك ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش، ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش خىراجىتى ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇنىڭدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان 2 مىليون 280 مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەنپەئەتلەندى؛

    2006 – يىلى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون 756مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلدى. شۇ يىلى مەركەز 140مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن قىلدۇردى.

    قەشقەر شەھىرىنىڭ كوناشەھەر رايونىدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان 220 مىڭ ئاھالە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 3مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان قەشقەر شەھىرىنىڭ كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلەندى.

    شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بىر كۆلنىڭ سۈيىنى ئىچىش ھالىتىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا 1980 – يىلىدىن باشلاپ، يېزىلارنىڭ بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون 4مىليارد 466 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، 8مىليون 710 مىڭ يېزا نوپۇسنى بىخەتەر ئىچىدىغان سۇغا ئىگە قىلدى.

    يېزىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سىياسىتى كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ھەر بىر دېھقان، چارۋىچىغا خۇددى ئىللىق باھار شامىلىدەك ئىللىقلىق ئاتا قىلدى. 2004 – يىلىدىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون جەمئىي 381 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 847 يېزا – بازارلىق شىپاخانىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىنى ئۆزگەرتتى ۋە قۇردى، تۆلەمگە ئېرىشكەنلەر 17 مىليون 486 مىڭ 500 ئادەم (قېتىم) گە يەتتى.

    پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى چېگرا رايوننى يورۇتتى، ھەر مىللەت خەلق باراۋەر سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولدى

    60 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەر سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلدى، تىل – يېزىق جەھەتتە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، ھەر مىللەت خەلقنى دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا ئىشتىراك بولۇش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن قىلدۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدا ھەر مىللەت سايلىغۇچىلىرى ۋە ۋەكىللىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

    1981 – يىلى يولداش دېڭ شياۋپىڭ شىنجاڭنى تەكشۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈش ئۈستىدە توختالغاندا: ئىدىيە ئىستىلى دۇرۇس، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايدىغان، خىزمەت ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان، شۇنداقلا مۇئەييەن سالاھىيەتكە ئىگە يولداشلارنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك، دېگەنىدى.

    بۈگۈنكى كۈندە، ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق، شىنجاڭدا بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى يېتىشىپ چىقتى، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى قوشۇنى كۈندىن – كۈنگە زورىيىپ، ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 1950 – يىلى شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىدىن 3000لا بار ئىدى، ھازىر 360مىڭدىن ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز كادىرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %52 ىنى ئىگىلىدى، بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردىكىنىڭ 110 ھەسسىسىگە تەڭ.

    گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2000 – يىلى كۈزدىن باشلاپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق 12 تەرەققىي تاپقان شەھەرلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئېچىلدى، قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %90 تىن كۆپرەكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى.

    مەركەزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئاستىدا شىنجاڭنىڭ مىللىي مەدەنىيەتى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى

    يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش خىزمىتىگە سالغان سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشى نەتىجىسىدە، ‹‹ مۇقام سەنئىتى ›› ، ‹‹ ماناس ›› ، ‹‹ جاڭغىر ›› قاتارلىق بىر تۈركۈم مىللىي مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا چوڭ قۇرۇلۇش، چوڭ ئېچىش، چوڭ تەرەققىياتتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەت ئالدىدا، شىنجاڭدىكى 21 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلق تولۇق ئىشەنچ بىلەن تەخىر قىلىپ ساقلاپ تۇرماي، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ ۋە ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ يېپيېڭى گۈزەل كېلەچىكىنى كۈتۈۋالغۇسى!

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەڭرىتاغ مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ

پارتىيەنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

ياخشى سىياسەتكە تايىنىپ يېڭى سەھىپە يارىتايلى

بىر تۈركۈم قانۇن–نىزاملار1–ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى

قۇرۇلما تەڭشەشتە قەتئىي ئېغىشماي ، ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى

يېڭى پەللىدە يېڭى زەپەر قۇچايلى

جۇۋ يۇڭكاڭ: «ئىككى يىغىن» روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل-ھەققانىيلىقىنى يەنىمۇ قوغدايلى!

مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号