بىرىنچى، ئىدىيە، نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈش جىددىي سىياسىي ۋەزىپە. پارتىيەنىڭ ئىدىيە، نەزەرىيە قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ››ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش‹‹ مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى داۋاملىق ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ماركسىزمچە يېڭى مەنزىلنى تىرىشىپ ئېچىپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە قوللىنىپ سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ماركسىزمچە ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ئۆگىنىشچان رەھبەرلىك بەنزىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇش، ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك ھەر جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئاڭلىق ئۆگىنىپ، نەزەرىيە ۋە بىلىم ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئالدىن، كۆپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كىتابتىن ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىپ، ئاممىدىن ئۆگىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش بىلەن خەلقنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرى، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى زور مەسىلىلەر، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىككىنچى، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى – ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن كادىر تاللاش، بەنزە سەپلەش، قوشۇن قۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا، كادىرلارنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تايانچ قىلىپ تەربىيەلەشكە تىرىشىپ، تەدبىرنى ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە بەلگىلەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئومۇمىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىش كېرەك. ئادەم ئىشلىتىشتىكى ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتە ھاياتىي كۈچكە تولغان مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كادىرلارنىڭ ئەخلاقىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئىلمىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى كادىرلارنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى، ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كادىرلارنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دېموكراتىك، ئاشكارا بولۇش، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشىلارنى كۆرسىتىش يولىنى كېڭەيتىپ، ھەر جەھەتتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەم ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىدا تۆھپە يارىتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەرەققىياتنى پىلانلاش، بىر تۇتاش غەملەش، سەرخىللاشتۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش قابىلىيىتى، ئاممىۋى خىزمەت، جامائەت مۇلازىمىتى، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش قابىلىيىتىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نىشانى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەزەر دائىرىسى، پىكىر يولى، ئىستىكىنى كېڭەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئادەم تاللاش ۋە ئىشلىتىشنىڭ ئىشەنچ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادەم تاللاش ۋە ئىشلىتىش كەيپىياتىنى توغرىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىل خاتىرجەم بولىدىغان، ئامما زارى بولىدىغان كادىرلارنى تاللاش كېرەك. ئۈچىنچى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى باشتىن ئاخىر تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي خىزمىتىدە زور كۈچ بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇشقا تىرىشىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەسىس قىلىنىش شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىلىك، مۇكەممەل، كۈچلۈك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى تورى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن مەركىزىي ۋەزىپىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، مەركەزنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، خەلقنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۈمىدىنى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇش، تۆھپە قوشۇشنى تەكىتلەش، ئىقتىدارلىق بولۇش، پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىش تەلىپى بويىچە پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئورتاق بېيىشقا باشلامچىلىق قىلالايدىغان يۇقىرى ساپالىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرى قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىچى تۇرمۇشىدىكى سۇبيېكتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە تۇتۇش، ئىش ئورنى ۋە كەسپىنى سۆيۈش، دادىل ئىلگىرىلەش ئاڭلىقلىقىنى قوزغىتىش كېرەك. پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرىغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلارغا ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل بولۇپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شەرەپ تۇيغۇسى، ماكان تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتنىچى، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تىرىشىپ ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ياخشى ئىستىل كاپالىتى بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ بويىچە ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش ئىستىلى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلى، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق مەمۇرىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق رايىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك. ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۈپ مەقسىتى. جاندىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتى ۋە ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خەلق رايىنى تولۇق ئىنكاس قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى تولۇق مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈچىنى ھەقىقىي قەدىرلەپ، خەلقنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش – بولماسلىقىنى خىزمەتلىرىمىزنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، پارتىيە نىزامنامىسىغا رىئايە قىلىش، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە نىزامنامىسىنى ھىمايە قىلىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئېڭى، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، ۋەتەن ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، دادىل يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش بىلەن بىللە، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىش، ئەمەلىي ئىش قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلىيەت، خەلق ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش كېرەك. ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىككە، پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىش، نەمۇنە بولۇش، ئاممىنىڭ يېقىن ئادىمى، ئىشىنىدىغان ياخشى كادىرى بولۇشقا تەشكىللەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئالىيجاناب روھىي ئىنتىلىشى بىلەن ئەخلاق پەزىلىتىنى باشتىن ئاخىر ساقلاپ، تەلەپچان، پاك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سەمىمىي – ساداقەتمەن بولۇپ، پاك ئىش قىلىشى، ھوقۇق، پۇل، سەتەڭلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشىدىن ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇپ، چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى كۆزلەش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى ئارىسىدا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشى ئۆز خىزمىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماسلىقى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىقى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتمىغانلىقى خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقى، دەيدىغان ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇش ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇدىغان، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈدىغان ئەندىزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ داۋاملاشما خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ھەقىقىي مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، ئەسقاتىدىغان تەجرىبىلىرىنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ رولىنى دائىمىي خىزمەتلەردە تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يولداشلار، ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىنىڭمۇ چېكى يوق. پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى! (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاپرېل تېلېگراممىسى) |