باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

پارتىيەنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-04-08 15:33

    ( 2010–يىل 4–ئاينىڭ6–كۈنى )

    خۇ جىنتاۋ

    يولداشلار:

    بۈگۈن يىغىن ئېچىپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

    بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان ئېلىمىز ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى تارىخىي پەللىدىن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان، دۇنيا ۋەزىيىتى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئېلىمىز ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتقان، مىسلىسىز پۇرسەت ۋە خىرسقا دۇچ كەلگەن، بولۇپمۇ پۈتكۈل پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىياتىنى ساقلاۋاتقان پەيتتە قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، مول بىلىش نەتىجىسى، ئەمەلىيەت نەتىجىسى ۋە تۈزۈم نەتىجىسىگە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    تۆۋەندە ئۈچ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

    بىرىنچى، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، مول نەتىجىگە ئېرىشتى

    پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پارتىيەنىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركىزىي رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ۋارىسى ۋە تەرەققىياتى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يېتەكچى فاڭجېن، جۇڭگوچە سوتسيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت بولغان زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە، دەپ تەكىتلەنگەن. پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، تۈپ تەلىپى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، پۈتكۈل پارتىيەدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك قارارى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

    پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى پائالىيىتىنى كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، پۈتكۈل پارتىيەدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەنى جۇڭگوچە سوتسيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى بىلەن قوراللاندۇۇرشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار پىلان ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، دەپ تەكىتلىدى. مەركىزىي كومىتېت پۈتكۈل پارتىيەدىن ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ھەرىكىتىدە ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېتىشتە پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس، سىياسىي ئاساس ۋە تەشكىلىي ئاساس سېلىشنى تەلەپ قىلدى.

    ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىدىغان كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى تەشكىللىدى، مەملىكەتلىك ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى، ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە سىنىپى ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش مەخسۇس تېمىسىدىكى مۇھاكىمە سىنىپى ئاچتى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا باشلامچىلىق بىلەن قاتناشتى، ئالاقە نۇقتىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدى، مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ يېتەكچى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى بىر تۇتاش پىلانلىدى ۋە تەشكىللەپ يېتەكچىلىك قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركەزنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىنچىكە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى قىممەتلىك پۇرسەت بىلىپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئورۇنداپ، پارتىيە ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قايتۇردى.

    ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى 2008 – يىلى 3 – ئايدىن باشلاپ نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، 9 – ئايدا رەسمىي قانات يايدۇرۇلدى، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قويۇلۇپ، بۇ يىل 2 – ئاينىڭ ئاخىرى ئاساسەن ئاياغلاشتى، جەمئىي 3 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە تەشكىلاتى، 75 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى قاتناشتى. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، ئىلمىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىيەت خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئاممىۋى لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجابىي تەربىيەنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپى ئىگىلەندى، باش تېمىسى روشەن، رەھبەرلىكى قابىل، تەشكىلى چىڭ، تەدبىرى مۇۋاپىق بولۇپ، ئۈچ روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە. 1 . ھەرقايسى تۈركۈم، ھەرقايسى ساھە ۋە پارتىيە ئەزالىرى توپىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن بىر تۇتاش پىلانلىنىپ ماسلاشتۇرۇلۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكلىنىپ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلدى، ھەرقايسى تۈركۈملەر ئۆزئارا باغلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەشكىللىنىپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تىرىشىپ پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سېلىندى؛ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىلىپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا پۇختا تەشكىلىي ئاساس سېلىندى؛ ئاممىغا تايىنىپ، دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاۋامنى قاتناشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا پۇختا ئاممىۋى ئاساس سېلىندى. 2 . تۈرلۈك خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مول مەزمۇنلۇق ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات كۈچلىرى مۇجەسسەملەندى؛ ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىگە مايىللىشىپ، تىرىشىپ ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىلىپ، قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنىپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى تىرىشىپ ئەلرازى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇلدى. 3 . ئۆگەنگەچ تۈزىتىش، تەكشۈرگەچ تۈزىتىش، مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىپ تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ،ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ئىدىيىۋى قاراش تىرىشىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر شۇنداقلا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكى، پارتىيە ئىستىلى جەھەتتىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر تىرىشىپ ھەل قىلىندى؛ نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق تۈزۈلمە، مىخانېزم بەرپا قىلىندى.

1   2   3   4   下一页  

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆزلەنگەن سۆز

ياخشى سىياسەتكە تايىنىپ يېڭى سەھىپە يارىتايلى

بىر تۈركۈم قانۇن–نىزاملار1–ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى

قۇرۇلما تەڭشەشتە قەتئىي ئېغىشماي ، ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى

يېڭى پەللىدە يېڭى زەپەر قۇچايلى

جۇۋ يۇڭكاڭ: «ئىككى يىغىن» روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل-ھەققانىيلىقىنى يەنىمۇ قوغدايلى!

مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号