باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ياخشى سىياسەتكە تايىنىپ يېڭى سەھىپە يارىتايلى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-04-07 13:25

    شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

    بۇ يىللىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك زەپەر مارشىنى ياڭراتتى.

    ‹‹ بۇ يىل چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەخسۇس تۈر پىلانى تۈزۈپ، خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، كېلەر يىلى شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئون يىل تىرىشىش ئارقىلىق شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىش كېرەك ›› .

    بۇنداق ئېنىق، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش شىنجاڭدىكى 21 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى، ئۇلارنى چەكسىز ئىلھاملاندۇردى.

    بىز تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن، بايراملىق كىيىملىرىمىزنى كىيىپ، ياردەم بېرىش قوشۇنىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە! ياكى كاتتا داستىخان ھازىرلاپ، ياردەم بېرىشكە كېلىدىغان قوشۇننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرۇشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە!

    بىراق، ھازىر پەۋقۇلئاددە مەزگىل. چوڭ قۇرۇلۇش، كەڭ ئېچىۋېتىش، زور تەرەققىيات تارىخىي پۇرسىتى گويا دېڭىز دولقۇنىدەك يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە، قىزغىنلىق ۋە تەكەللۇپ قىلىش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىش روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن يېپيېڭى تەپەككۇر ۋە چوڭ ئىشلارنى قىلىش، زور نەتىجە يارىتىشتەك ئادەتتىن تاشقىرى ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىنىڭ نېگىزىنى ئېنىقلاپ، ياردەم بېرىشنى قوبۇل قىلىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇكەممەل ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

    شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ئەسلىدىنلا ناچار، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا كەمچىل، ئىگىلىك باشقۇرۇشى قالاق، ‹‹ ھالقىش ›› ۋە ‹‹ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىش ›› ئىقتىدارى يوق، ھازىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، بىزگە كۈچلۈك مەدەت بەردى، بىز تەرەققىياتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارامىتىمىزنى كۆرسىتىپ، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش يېڭى سەھىپىسىنى داغدۇغىلىق يارىتايلى.

    نەزەرىمىزنى ھازىرقى جۇڭگوغا ئاغدۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قويغىنىمىزدا، سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىكى تۆت چوڭ مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بىر ۋىلايەت، ئوبلاست، بىر ناھىيە، شەھەر، بىر ئورۇن، تارماق، ھەتتا بىر شىركەت، كارخانىدا بۇ تۆت چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ قاتتىق – يۇمشاق دېتالى قانداق؟ باشلىقلار ياكى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ كۆڭلىدە جەزمەن بۇ ھەقتە سان بولۇشى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشى كېرەك.

    ‹‹ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىزگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ، ئۇنداقتا بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ›› مانا بۇ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتە نېمە ئۈچۈن ئۇچقاندەك ئىلگىرىيەلىدى؟ گۇاڭدۇڭلۇقلار: ‹‹ دۆلەت يېڭى سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىز نېمە قىلىش – قىلماسلىقنى مۇزاكىرە قىلماستىن، نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى تەتقىق قىلدۇق ›› ، دەپ راست ئېيتتى. بۇنداق تەجرىبە بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ‹‹ شارائىتى بارلار ئالدىن ئاتلىنىش، شارائىتى يوقلار شارائىت ھازىرلاپ ئاتلىنىش كېرەك ›› ، ‹‹ تۆمۈر ئادەم ›› ۋاڭ جىنشىنىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزى بىزگە ئىلھام بەخش ئېتىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا ‹‹ جۇجياڭ دېلتىسى ›› ، ‹‹ چاڭجياڭ دېلتىسى ›› ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرى ئۆگىنىشىمىزگە، ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بۆسۈش، بەسلىشىشكە جۈرئەت قىلىش روھى بولمىسا، بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش مادارى بولمىسا، باشقىلار ياردەم بېرىشنى ئويلىغان بىلەنمۇ، ياردەم بېرەلمەيدۇ، يۆلىيەلمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ھالقىما تەرەققىياتنى قانداقمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولسۇن؟

    ‹‹ ئالدى بىلەن يۆنىلىشنى توغرىلاپ، پىلاننى ياخشى تۈزۈش كېرەك ›› ، مانا بۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ تېگى – تەكتىنى ئېنىقلاشتىكى ئاساسلىق مەجبۇرىيەت. شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، رايون پەرقى چوڭ؛ يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىق تۈرى كۆپ، ئەمما تارقىلىشى تەكشى ئەمەس. قانداق قىلغاندا بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرغىلى ۋە ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قەيەردە؟ يۈرۈشلەشكەن تەدبىرلەر قايسى؟ قارشى تەرەپ قايسى تۈرلەر بويىچە ياردەم بېرىشى كېرەك؟ بىز قانداق تۈرلەرنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك؟ قايسى مەھسۇلات، كەسىپنى يولغا قويىمىز؟ بۇنىڭ شىنجاڭ، مەملىكەت ئىچىدىكى نىسبىتى قانچىلىك؟ خەلقئارا بازاردا قانداق ئورۇندا تۇرىدۇ؟... دېگەندەك مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورۇننى توغرا بەلگىلەش كېرەك.

    ‹‹ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، بارلىق ئىشلاردا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش ›› تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تېگى – تەكتىنى ئېنىقلاشنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى. جايلارنىڭ شارائىتى ئوخشىمايدۇ، بايلىقى، مۇھىتى پەرقلىنىدۇ، قايسىسىنى ‹‹ ئۇزاق مەزگىللىك تۈر ›› ، قايسىسىنى ‹‹ قىسقا مۇددەتلىك تۈر ›› قىلىپ بېكىتىشتە ئىشنى پۇختا قىلىش، شامالغا ئەگەشمەسلىك، ساختىلىق، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق كېرەك.

    ‹‹ ئىلمىي تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ›› تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ تېگى – تەكتىنى ئېنىقلاشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى. ‹‹ بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ ›› ، ‹‹ شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق ›› ، دەيدىغان بۇنداق ياخشى تىلەك ۋە ئارزۇلار ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئاساسى ئاجىز، مالىيە كۈچى يېتىشمەيدۇ، ئەمما پۈتۈن مەملىكەت خەلقى شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكىلەر بىزگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. بىز پەقەت مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ، ئىلمىي راۋاجلانساقلا ھەم ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلساقلا بارلىق قىيىنچىلىقلارنى جەزمەن يېڭەلەيمىز، شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياخشى سىياسەتكە تايىنىپ يېڭى سەھىپە يارىتايلى

بىر تۈركۈم قانۇن–نىزاملار1–ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى

قۇرۇلما تەڭشەشتە قەتئىي ئېغىشماي ، ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى

يېڭى پەللىدە يېڭى زەپەر قۇچايلى

جۇۋ يۇڭكاڭ: «ئىككى يىغىن» روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل-ھەققانىيلىقىنى يەنىمۇ قوغدايلى!

مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلغانلىقى ۋە ۋېن جياباۋنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە يۈكسەك ئېتىبار بەردى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号