1 – ئاپرېلدىن باشلاپ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم قانۇن – نىزاملار يولغا قويۇلدى.
دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنى پۈتۈن سومما بويىچە سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى ›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى قانۇندا، دۆلەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە توكىنى پۈتۈن سومما بويىچە سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى قانۇندا مۇنداق بەلگىلەندى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن بىللە مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئومۇمىي نىشانى ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنغاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ. دۆلەت مالىيەسى ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىدۇ، مەبلەغ دۆلەت مالىيەسىدىن ئاجرىتىلىدىغان يىللىق مەخسۇس مەبلەغ ۋە قانۇن بويىچە يىغىۋېلىنىدىغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە توك باھاسىنىڭ قوشۇمچە كىرىمىدىن جۇغلىنىدۇ.
ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىندى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى ›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى مۇشۇ قارار ئاساسىدا مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ھەم ئۇنىڭ ماددىلىرىنىڭ تەرتىپى تەڭشەلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىندى.
قاراردا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 4 – ماددىسىغا: ‹‹ ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلماسلىقى، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. دۆلەت ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنىشى، تارقىتىلىشىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ ›› دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. يېڭىدىن قوشۇلغان 26 – ماددىسىدا: ‹‹ ئەسەر ھوقۇقى گۆرۈگە قويۇلماقچى بولسا، گۆرۈگە قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى ئەسەر ھوقۇقى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ گۆرۈگە قويۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك ›› دەپ بەلگىلەندى.
بەش خىل مېيىپ ئاپتوموبىل پىراۋىسىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى ›› 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن بەلگىلىمىدە، مېيىپلەرنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش جىسمانىي شەرتلىرى يەنىمۇ كەڭ قويۇۋېتىلدى، پىراۋا بېجىرىش رەسمىيەتلىرى ئاددىيلاشتۇرۇلدى، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى جازالاش سالمىقى كۈچەيتىلدى.
يېڭى بەلگىلىمىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئوڭ بىلىكى، ئىككى پۇتى بولمىغان ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان، ئەمما ئۆزى ئولتۇرۇپ قوپالايدىغان مېيىپلەر مېيىپلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق، رۇخسەت قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ چولاق ياكى ئوڭ قول بارمىقى بولمىغان مېيىپلەر كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق، رۇخسەت قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن قالغان، ئەمما ئاۋدىفون ئارقىلىق ئاڭلىيالايدىغان مېيىپلەر كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق، رۇخسەت قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بەلگىلىمىدە يەنە قىسمەن ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش، قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش، يول قاتنىشى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارىتا نومۇر خاتىرىلەش قىممىتى ئۆستۈرۈلۈپ، جازالاش سالمىقى كۈچەيتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھاراق ئىچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا كەينىگە يېنىش، قارشى يۆنىلىشتە مېڭىش، ئاپتوموبىلنى ئايلاندۇرۇش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇرىنى ياساش، ئۆزگەرتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش كۆرۈلسە، بىر قېتىمدا ئالتە نومۇرنى بىكار قىلىش 12 نومۇرنى بىكار قىلىشقا ئۆزگەرتىلدى.
شەخسلەرنىڭ چېگرىدىن ئۆتكۈزمەكچى بولغان بۇيۇملىرى نورمال مىقداردىن ئېشىپ كەتكەن ۋە بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان بولسا مۇسادىرە قىلىنىدۇ
گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى تاموژنىدا قوغداش نىزامى ›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارى 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. مەزكۇر قارار بويىچە، شەخسلەرنىڭ ئۆزى ياكى پوچتا ئارقىلىق چېگرىدىن ئۆتكۈزمەكچى بولغان بۇيۇمى ئۆزى ئىشلىتىش نورمىسىدىن ۋە نورمال مىقداردىن ئېشىپ كەتكەن بولسا ھەم بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىنى تاموژنىدا قوغداش نىزامىدا بەلگىلەنگەن بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان بولسا، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان بۇيۇم قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش مېخانىزمى ئورنىتىلدى
1 – ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ‹‹ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى ›› دا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار ھەمكارلىشىش، جەمئىيەت ئەزالىرى پائال قاتنىشىشتەك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە جامائەتچىلىكنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ھەرىكىتىدىكى ھوقۇقى بىلەن مەجبۇرىيىتى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى.
سۇغۇرتا كەسپىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش سالاھىيىتىنىڭ يېڭى ئۆلچىمىدە كەسىپكارلىق تەجرىبىسى بولۇش تەلەپ قىلىندى
جۇڭگو سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹ سۇغۇرتا شىركەت مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ›› نى ئېلان قىلدى. بەلگىلىمىدە سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ باشقۇرۇش ئۆلچىمى بېكىتىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ كەسىپكارلىق تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىندى.
بەلگىلىمىدە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش سالاھىيىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش تەلىپىدە قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچىلىقى بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ باش دىرېكتورلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش يىل چەكلىمىسى بەش يىل ۋە سەككىز يىلدىن، سەككىز يىل ۋە ئون يىلغا ئۇزارتىلدى؛ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، بەلگىلىمىدە يەنە ئوقۇش تارىخى ۋە خىزمەت ئىستاژىغا قويۇلغان شەرت قويۇۋېتىلدى؛ بەلگىلىمىدە يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش سالاھىيىتى توشمايدىغان بىرقانچە ئەھۋاللار تولۇقلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
يېڭى مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى ماددىلىرىدىكى سۇغۇرتا ھەققىنى باشقۇرۇش چارىسىدە ‹‹ مەلۇم قىلىش بىلەن ئەمەلىي بېجىرىش بىردەك بولماسلىق ›› قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ
سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ تەستىقلاش ۋە ئەنگە ئېلىشنى مەلۇم قىلىش ماددىلىرىدىكى سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش خاھىشلىرىنى تۈگىتىپ، ‹‹ مەلۇم قىلىش بىلەن ئەمەلىي بېجىرىش بىردەك بولماسلىق ›› نىتوسۇش ئۈچۈن، جۇڭگو سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى تۈزىتىشكىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ‹‹ مال – مۈلۈك سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەققىنى باشقۇرۇش چارىسى ›› نى ئېلان قىلىپ، مال – مۈلۈك سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەق نىسبىتى ۋە ماددىلىرىنى باش شىركەتنىڭ سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەستىقلاپ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىشىنى تەلەپ قىلدى ھەم مەھسۇلات باشقۇرۇش ئۆلچىمى بىلەن سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى