باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

مەملىكەتلىك ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-04-01 10:42

    لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى، جۇ يۇڭكاڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى

    يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، باشقۇرۇش، مەبلەغ قاتارلىق كۆپ جەھەتتىن ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ياردەم بېرىشتە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، تۇرالغۇ قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا كۈچەپ ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشىنى كۈچەپ قوللاش كېرەك. ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئون يىل تىرىشىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

                                                     

    يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – مارت تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 29 – ، 30 – مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

    بۇ قېتىمقى يىغىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېچىشنى قارار قىلغان مۇھىم يىغىن. يىغىننىڭ مەزمۇنى مەركەزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

 

                                                                            

                     يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

    لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەركەز ۋە مەملىكىتىمىزدىكى جايلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى. شىنجاڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تېز راۋاجلىنىۋاتقان، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، ھەر مىللەت ئاممىسى ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن مەزگىلگە قەدەم قويدى. لېكىن تارىخ، تەبىئىي شارائىت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ھېلىھەم پەۋقۇلئاددە قىيىنچىلىق ۋە كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر، شىنجاڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، مۇقىملىقىنى قوغداشتا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى قوللاش سالمىقىنى ئىزچىل ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۈچلەرنى يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

    لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش مەركەزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىككى ئومۇمىيەت ئېڭىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىگەنلىك ۋە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، ئۆزىگە تايىنىپ راۋاجلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر كاپالىتى.

    لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ تەدبىرى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، باشقۇرۇش، مەبلەغ قاتارلىق كۆپ جەھەتتىن ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنى ياردەم بېرىشتە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، تۇرالغۇ قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشىنى كۈچەپ قوللاش كېرەك. بۇ يىل چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەخسۇس تۈر پىلانى تۈزۈپ، خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئون يىل تىرىشىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئۆز خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈدىغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى قوللاۋاتقان مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىگە تايىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشى كېرەك. ياردەم بېرىپ قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەرەپلەر ئورتاق تىرىشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىپ راۋاجلىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچىيىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    جۇ يۇڭكاڭ يىغىن ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: جايلار، تارماقلار ئىدىيەسىنى مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا تېزدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەۋى تەييارلىق، تەشكىلىي تەييارلىق ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئەسىردىكى يېڭى تەرەققىياتىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    جۇ يۇڭكاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى قىلىش كېرەك. ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى رەھبىرىي كادىرلار ئۆمەك باشلاپ، ياردەم بېرىدىغان رايونغا ئىمكانقەدەر تېز بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت لايىھەسى تۈزۈشى كېرەك؛ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان خىزمەت بەنزىسىنى ئىمكانقەدەر تېزدىن تەشكىللەپ، سىياسىي قارىشى مۇستەھكەم، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بار، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان كادىرلارنى شىنجاڭغا ئەۋەتىشى كېرەك؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوشۇنىنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان قۇرۇلۇش قوشۇنى، خىزمەت قوشۇنى، تەشۋىقات قوشۇنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك؛ مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، ئۇنىڭ ئىلمىي، ماس قەدەمدە يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرنىڭ يىرىك پىلانىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا ئۈلگە تىكلەش، تەجرىبە توپلاش كېرەك؛ ئىشنىڭ مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىنى، ئالدىراش ياكى ئالدىراش ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، شۇ جاي جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، ئامما جىددىي ئارزۇ قىلىۋاتقان، شارائىت ئاساسەن ھازىرلانغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىمكانقەدەر تېزدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك.

    يىغىنغا قاتناشقانلار ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى مەخسۇس فىلىمنى كۆردى. گۇاڭدۇڭ، جياڭشى، لياۋنىڭ، شەندۇڭ، خېنەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىشنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلدى. جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

    بۇ قېتىمقى يىغىنغا مەركەز رەھبەرلىرىدىن يەنە ۋاڭ لېچۈەن، ليۇ يۈنشەن، لىڭ جىخۇا، ما كەي، مېڭ جيەنجۇ، دەي بىڭگو، دۇ چىڭلىن قاتناشتى.

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇرۇلما تەڭشەشتە قەتئىي ئېغىشماي ، ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى

يېڭى پەللىدە يېڭى زەپەر قۇچايلى

جۇۋ يۇڭكاڭ: «ئىككى يىغىن» روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل-ھەققانىيلىقىنى يەنىمۇ قوغدايلى!

مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلغانلىقى ۋە ۋېن جياباۋنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە يۈكسەك ئېتىبار بەردى

‹‹ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ›› قا ئىزاھات

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك كومىتېتى3–يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号