باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

قۇرۇلما تەڭشەشتە قەتئىي ئېغىشماي ، ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-03-31 11:38

    ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش ھازىر مەملىكەت بويىچە قىزغىن مۇلاھىزە قىلىنىۋاتقان تېما، شۇنداقلا ئەمدىلا يېپىلغان مەملىكەتلىك ‹‹ ئىككى يىغىن ›› نىڭ ئاساسىي تېمىسى. بۇ يىل ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىچكى، تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، كېيىنكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى دەۋرىدىكى كەسكىن خىرىس ۋە يېڭى پۇرسەتلەر بىزدىن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىشىمىزنى جىددىي كۈتمەكتە. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ساقلاپ تۇرغىلى بولمايدۇ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ.

    ئىقتىسادىي قۇرۇلما دېگىنىمىز، خەلق ئىگىلىكىدىكى ھەر قايسى تەرەپتىكى ئىچكى قۇرۇلما ۋە نىسبەت مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، شەھەر – يېزا قۇرۇلمىسى، رايون قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلى دېگىنىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھالىتى ۋە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ۋە ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ھەم ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى تەقسىملەش، بىرىكتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى، ھەم ئېھتىياج، كەسىپ، شەھەر – يېزا، رايون ۋە بايلىق مۇھىتى ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتە يىرىك ئېشىشنى تۈجۈپىلىك ئېشىشقا ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، ئىقتىسادنى ئادەتتىكى راۋاجلاندۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك راۋاجلاندۇرۇشقا ئۆزگەرتىش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇشتا كەسىپ قۇرۇلمىسى، شەھەر – يېزا قۇرۇلمىسى، رايون قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئېھتىياج قۇرۇلمىسى، ئامىل قۇرۇلمىسى ۋە مىللىي دارامەت تەقسىمات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. بۇ ھەم ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسى.

    بۇ يىل خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا داۋاملىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ساقلاش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل.

    ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتە ‹‹ تېزلىتىش ›› كە كۈچەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئاچقۇچ. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نىشانى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى قىلىپ، قۇرۇلما تەڭشەشتە قەتئىي ئېغىشماي، ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش زۆرۈر. كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ‹‹ ئۈچ ئۆزگەرتىش ›› نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ: بۇلار ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاساسلىقى سېلىنما، ئېكسپورت تۈرتكىسىگە تايىنىشنى ئىستېمال، سېلىنما، ئېكسپورتنىڭ ماس تۈرتكىسىگە تايىنىشقا، ئاساسلىقى 2 – كەسىپ تۈرتكىسىگە تايىنىشنى 1 – ، 2 – ، 3 – كەسىپلەرنىڭ ماس تۈرتكىسىگە تايىنىشقا، ئاساسلىقى ماددىي بايلىق سەرپىياتىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىشنى پەن – تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىشقا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. ھازىر ‹‹ سەككىز تېزلىتىش ›› نى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك: بۇلار مىللىي دارامەت تەقسىماتى قۇرۇلمىسى، شەھەر – يېزا قۇرۇلمىسى، رايون ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش، مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، تاشقى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت.

    ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاساسىي مەۋقەسى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى، شۇنداقلا تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش بىلەن تاشقى ئېھتىياجنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى، سېلىنمىنى كۆپەيتىش بىلەن ئىستېمالنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مىللىي دارامەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ ئىچكى ئېھتىياج ئاساسى، شەھەر – يېزا ۋە رايوندىن ئىبارەت ‹‹ ئىككى قۇتۇپلۇق قۇرۇلما ›› نى تەڭشەش ئەڭ چوڭ قۇرۇلما تەڭشەش ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى بىر مەزگىلگىچە، بازارلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى تايانچ قىلىپ، شەھەر – يېزا قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇشقا؛ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتقا قىلىپ، ئوتتۇرا غەربىي قىسىم بىلەن شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ماس راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئىستېمال ئېھتىياجى ۋە سېلىنما ئېھتىياجىنى پۇختا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مەزگىل سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىچكى – تاشقى بازارغا يۈزلىنىش ئەڭ مۇھىم. كارخانىلارنى سۇبيېكت، پەن – تېخنىكىنى يۆلەك، بازارنى يېتەكچى قىلىپ، مەھسۇلات قۇرۇلمىسى، كارخانا قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى بازار ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سانائەت كەسپى ۋە قۇرۇلۇش كەسپىنى ياخشىلاپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. ئامىل قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. ئېھتىياج ۋە تەمىنلەشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن باشقۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش سالمىقىنى زورايتىپ، يېشىل ئىقتىساد، ئايلانما ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان كەسىپلەرنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن نوپۇس، بايلىق، مۇھىتنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش ھەم ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە، ھەم ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ۋە ئۆزگەرتىشكە چېتىلىدۇ، بۇنى چوقۇم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇرۇلما تەڭشەشتە قەتئىي ئېغىشماي ، ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرەيلى

يېڭى پەللىدە يېڭى زەپەر قۇچايلى

جۇۋ يۇڭكاڭ: «ئىككى يىغىن» روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل-ھەققانىيلىقىنى يەنىمۇ قوغدايلى!

مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلغانلىقى ۋە ۋېن جياباۋنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە يۈكسەك ئېتىبار بەردى

‹‹ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ›› قا ئىزاھات

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك كومىتېتى3–يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号