شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتى بويىچە
تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن
شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتى بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر خۇددى باھار شامىلىدەك شىنجاڭنىڭ بىپايان زېمىنىنى سۆيۈندۈردى. ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتى يولغا قويۇلغان 15 يىل شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلگەن، تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان مەزگىل بولدى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساس مائارىپىغا سېلىنغان مەبلەغ ئەڭ كۆپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىدا ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ بولغان، مائارىپ سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆسكەن، تەربىيەلەش مۇھىتى تولۇق ئەلالاشقان مەزگىل بولدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 15 يىلدىن بۇيان ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر شىنجاڭنى گۈللەندۈرىدىغان ۋە راۋاجلاندۇرىدىغان زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما، مائارىپ خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، بوشاشماي چىڭ تۇتتى. 15 يىل تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› نىشانىغا ئۆزقەرەلىدە يەتتى، ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› نىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى %100 كە، 15 ياشتىن يۇقىرى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش مۇددىتى توققۇز يىلغا يەتتى. ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› نىشانىغا يېتىش ئاپتونوم رايونىمىز ئاساس مائارىپىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان تارىخىي بۆسۈش، قولغا كەلتۈرۈلگەن باسقۇچلۇق نەتىجە ۋە بەلگە خاراكتېرلىك ئۇتۇق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تارىخىي ئابىدە! شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدى.
‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتى يولغا قويۇلغان 15 يىلنى ئەسلىسەك، ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› نىشانىغا يېتىپلا قالماي، ئەمەلىيەت داۋامىدا ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› روھىنى شەكىللەندۈردۇق. بۇ روھ قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەيدىغان، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان تىركىشىش روھى؛ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرىدىغان، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان ئۆزىنى كۈچەيتىش روھى؛ سەمىمىي ھەمكارلىشىدىغان، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىدىغان ھەمكارلىشىش روھى؛ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىلمىي روھ. بۇ روھ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ جاپاغا چىدايدىغان، ئىنتايىن جەڭگىۋار، ئايانماي تۆھپە قوشالايدىغان ئېسىل پەزىلىتىنىڭ كونكرېت نامايەندىسى، قالاق قىياپەتنى ئۆزگەرتىپ، ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشىمىزدىكى كۈچلۈك تۈرتكە. 15 يىل بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپىنىڭ قىياپىتىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىق كەلدى. ئەمما شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› سەۋىيەسى خېلىلا ئۆسكەن بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ ئۆلچەملەشكەن مەكتەپ قۇرۇلۇشى بەلگىلىمىسىگە، ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونلارغا ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىغا بولغان جىددىي ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا خېلى پەرق بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار، تۈزلەڭ رايونلار بىلەن تاغلىق رايونلار ئارىسىدا تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك. بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا، ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر چېكىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› نەتىجىلىرىنى پۇختىلاش ۋە يۈكسەلدۈرۈش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل. بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› نەتىجىلىرىنى پۇختىلاش ۋە يۈكسەلدۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ‹‹ ئىككىدە يۇقىرى ›› توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ناھىيە تەۋەسىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەدرىجىي تەڭپۇڭ راۋاجلاندۇرۇشىمىز، مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.
مائارىپ دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇزاق مەزگىللىك ئۇلۇغ ئىش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش. يېڭى تارىخىي پەللىدە روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشىمىز كېرەك، شۇندىلا شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى دولقۇنلار يېرىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى زەپەر قۇچالايدۇ.