باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتى بويىچە خۇلاسىلەش ، تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-03-29 18:08

 

    ۋاڭ لېچۈەن مۇھىم سۆز قىلدى ، نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    پاتىمە ئەيسا، روشەنگۈل ئابدۇراخمان خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز 27 – مارت ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتى بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 15 يىلدىن بۇيانقى ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى ھەم ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتىدىكى نەتىجىلەرنى پۇختىلاش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

                                            

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىنغا ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، ياڭ گاڭ، جۇ خەيلۈن، ئەركىنجان تۇراخۇن، جىن نو قاتناشتى.

    1995 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئاپتونوم رايونىمىزدا توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇش، ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشنىڭ پىلانى، نىشانى ۋە باسقۇچلۇق ۋەزىپىلىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. 15 يىل تىرىشىش ئارقىلىق 2009 – يىلى 3 – ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ، ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› نىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزدى. 2009 – يىلى 9 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتى ئەلا نەتىجە بىلەن دۆلەت مائارىپ مۇپەتتىشلىرى ئۆمىكىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ‹‹ئىككى ئاساسەن ›› ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى بىر يىل بالدۇر ئورۇندالدى.

    ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتلانغان ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان ھەر ساھە زاتلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 15 يىلدىن بۇيان، ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن تەسىرلىك ئىش ئىزلار مەيدانغا كەلدى، بۈگۈن تەقدىرلەنگەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى. ئۇلار‹‹ قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەش، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەسلىك، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، سەمىمىي ھەمكارلىشىش، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش ›› تەك ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى نامايان قىلدى. بۇ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى كۈچلۈك تۈرتكە ۋە قىمەتلىك مەنىۋى بايلىق.

                                          

    ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا مۇھىم سۆز قىلماقتا

    ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: 15 يىللىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلدى، ‹‹ ئوقۇش يېشىغا توشقانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش ›› مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى، خەلق مائارىپى دەرىجىسى دۆلەتنىڭ تەلىپىگە يەتتى؛ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىدا زور ئۆزگىرىش بولدى؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ، ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلار ۋە ئىزباسارلارنى تەربىيەلەش تۈپ نىشان قىلىنىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى؛ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش نەتىجىلىرى يەنىمۇ پۇختىلاندى، دېھقانلار مەدەنىيەت، تېخنىكا تەربىيەسى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى؛ مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى داۋاملىق كۈچەيتىلىپ، دائىملىق باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق ئۇتۇقلار مەركىزىي كومىتېت، گوۋۇيۈەن ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقى ۋە كۈچەپ قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرشقانلىقى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

    ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› سەۋىيەسى يەنىلا تۆۋەنرەك، نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. ئەگەر بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتى نەتىجىلىرىنى پۇختىلاش، يۈكسەلدۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش قىيىن بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتىنى داۋاملىق ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى؛ مائارىپ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، ‹‹ ئىككىدە يۇقىرى ›› توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ داۋاملىق ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا تەۋرەنمەي، ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ موھىم ئىش دەپ بىلىپ، ئىدىيەدە بىخۇدلىشىش، بوشىشىشتىن ساقلىنىپ، ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتى نەتىجىلىرىنى پۇختىلاش، يۈكسەلدۈرۈشنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ، ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› نەتىجىلىرىنى پۇختىلاش، يۈكسەلدۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹ ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە پۇختا ئۇل سېلىشى كېرەك.

    ئەركىنجان تۇراخۇن ‹‹ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ ئىككى ئاساسەن › خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش ھەققىدىكى قارارى ›› نى ئوقۇدى، يىغىندا 14 ئىلغار ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، 95 ئىلغار ناھىيە (شەھەر، رايون)، 701 ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى.

                                        

    يىغىندا تەقدىرلەنگەن شەخىسلەر

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇۋ يۇڭكاڭ: «ئىككى يىغىن» روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئادىل-ھەققانىيلىقىنى يەنىمۇ قوغدايلى!

مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلغانلىقى ۋە ۋېن جياباۋنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە يۈكسەك ئېتىبار بەردى

‹‹ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ›› قا ئىزاھات

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك كومىتېتى3–يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى3–يىغىنىنىڭ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››توغرىسىدىكى قارارى

چەتئەلدىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىرىنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش سۈيقەستى ئىشقا ئاشمايدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号