گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىسمى – جىسمىغا لايىق بولمىغان، مەسىلە كۆرۈلگەن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 25 مەدەنىي ئورۇننىڭ شەرەپ نامىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇ، شەرەپنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ياخشى باشلىنىشى بولۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلارنىڭ شەرىپى ۋە كەسكىنلىكىنى قوغداپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن بەرپا قىلىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر.
ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كىشىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك يول. ئەمما بەزى ئورۇنلار مەدەنىي ئورۇن بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بار كۈچى بىلەن تىرىشىدىيۇ، شەرەپكە ئېرىشكەن ھامان كادىرلىرى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى ئىدىيە – سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇپ، باشقۇرۇش ۋە كەسپىي خىزمەتلەردە بىپەرۋالىق قىلىش بىلەن ئۆز ئورنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئېغىر زىيان سالىدۇ، كەسپىي خىزمەتلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىپ، بەزى رەھبىرىي كادىرلىرى قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، مەدەنىي ئورۇن بەرپا قىلىش خىزمىتىدە كەينىگە چېكىنگەنلىكىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن، دېگەن شەرىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان 25 ئورۇننى ئېلان قىلىشى ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلارنىڭ شەرىپى ۋە ئۇنى تاللاشنىڭ كەسكىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، غەيرىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن بەرپا قىلىشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئورۇنلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى؛ شەرەپ مەڭگۈلۈك ئەمەس، قولغا كەلتۈرۈلگەن شەرەپ ئۆتمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ شەرەپنى قەدىرلىشىمىز، شەرەپنى سۆيۈشىمىز كېرەك، شەرەپنى داۋاملىق ساقلاش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىمىز كېرەك.
بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلارنى باھالاش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. مەدەنىي ئورۇن بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا، خاتالىق كۆرۈلگەن ھامان تۈزىتىپ، ئۆز ئورنىنىڭ مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، مەدەنىي ئورۇن بەرپا قىلىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.