باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-03-22 10:33

    23 – نومۇرلۇق

    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى (2005–يىل2–ئاينىڭ 28–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14–يىغىنىدا ماقۇللانغان ، 2009–يىل 12–ئاينىڭ 26–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12–يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب بايلىقنى تەكشۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى

    3 – باب كەسپىي جەھەتتە يېتەكلەش ۋە تېخنىكا جەھەتتە قوللاش

    4 – باب كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش

    5 – باب باھا باشقۇرۇش ۋە خىراجەت تولۇقلىمىسى بېرىش

    6 – باب ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش تەدبىرى

    7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش، ئېنېرگىيە تەمىناتىنى كۆپەيتىش، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مۇھىتنى ئاسراش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېنېرگىيەسى، بىيوماسسا ئېنېرگىيەسى، يەر ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، دېڭىز – ئوكيان ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تاشقاتما ئېنېرگىيەسىدىن باشقا ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى كۆرسىتىدۇ.

    سۇ ئېلېكتر ئىشلىرىغا بۇ قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

    تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئوچاققا شاخ – شۇمبا، ئوتۇن، تېزەك قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە قالاشقا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

    3 – ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىگە ۋە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەلىكىگە تەتبىقلىنىدۇ.

    4 – ماددا دۆلەت ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئومۇمىي مىقدار نىشانىنى بېكىتىپ ۋە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

    دۆلەت ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادىي سۇبيېكتلارنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلانغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

    5 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

    2 – باب بايلىقنى تەكشۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانى

    6 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەيدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ ھەم بايلىق تەكشۈرۈش تېخنىكا قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقىغا يوللايدۇ.

    ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش كېرەك؛ لېكىن مەخپىيىتى ساقلىنىدىغانلىقىنى دۆلەت بەلگىلىگەن مەزمۇنلار بۇنىڭ سىرتىدا.

    7 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئوتتۇرا – ئۇزاق مۇددەتلىك ئومۇمىي مىقدار نىشانىنى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ ئىجرا قىلىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئومۇمىي مىقدار نىشانى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، مەمۇرىي رايونلارنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئوتتۇرا – ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

    8 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئوتتۇرا – ئۇزاق مۇددەتلىك ئومۇمىي مىقدار نىشانىغا ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىللە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانى ۋە شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ئوتتۇرا – ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ ھەم يولغا قويىدۇ.

    تەستىقلانغان يىرىك پىلاننى ئېلان قىلىش كېرەك؛ لېكىن مەخپىيىتى ساقلىنىدىغانلىقىنى دۆلەت بەلگىلىگەن مەزمۇنلار بۇنىڭ سىرتىدا.

    تەستىقلانغان يىرىك پىلاننى تۈزىتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت.

1   2   3   下一页  

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلغانلىقى ۋە ۋېن جياباۋنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە يۈكسەك ئېتىبار بەردى

‹‹ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ›› قا ئىزاھات

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك كومىتېتى3–يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى3–يىغىنىنىڭ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››توغرىسىدىكى قارارى

چەتئەلدىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىرىنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش سۈيقەستى ئىشقا ئاشمايدۇ

ئىقتىسادتا مۆجىزە يارىتىپ، مەدەنىيەتتە شان-شەرەپ قازىنايلى

جاھان ئەھلىگە شىنجاڭنىڭ ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىش


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号