شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – مارت تېلېگراممىسى. 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنى 14 – مارت بېيجىڭدا يېپىلدى. چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىش بىلەن بىللە، ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە يۈكسەك ئېتىبار بەردى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 14 – مارت يېپىلدى. يېپىلىش يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغان 2010 – يىللىق خامچوت لايىھەسىدە داۋالاش، مائارىپ ۋە كاپالاتلىك تۇرالغۇغا يەنىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش تەكىتلەندى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا يەنە سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللاندى.كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىشنى تەلەپ قىلىش ساداسىغا قايتۇرۇلغان جاۋابلارنىڭ بىرى بولغان بۇ قانۇن لايىھەسى بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېزىلاردىكى ۋەكىللىرى كۆپەيتىلىدۇ.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: ۋېن جياباۋ 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: بەزى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلەۋاتقاچقا، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا خەۋپ – خەتەر يەنىلا مەۋجۇت، دۇنيا ئىقتىسادىدا 2 – قېتىم كىرىزىس كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بار، دېدى. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى تىلغا ئېلىنغاندا، ۋېن جياباۋ: نۇرغۇن جۇڭگو كارخانىسىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى تۈپتىن ياخشىلانمىدى، ئۇلار يەنىلا سىياسەتنىڭ قوللىشىغا تايىنىدۇ، دېدى. لېكىن، ئۇ: ‹‹ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى، چىقىش يولى ئىشەنچىمىزنى چېڭىتىپ، ئۆز تىرىشچانلىقىمىزغا تايىنىش ›› ، دەپ تەكىتلىدى.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: ۋېن جياباۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى ئارقىلىق خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تېزدىن ئۆستۈرۈشكە قارشى تۇردى. ۋېن جياباۋ: بىر دۆلەتنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى شۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى بەلگىلەيدۇ. ئېلىمىز ‹‹ خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلايدۇ ›› ، دېدى. خەۋەردە ۋېن جياباۋنىڭ ‹‹ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ›› بەرگەندە قىلغان سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: بۇ يىل خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە داۋاملىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىدىغان ھالقىلىق بىر يىل، دېيىلدى.
ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: ۋېن جياباۋ خەلق پۇلىنى تۆۋەن مۆلچەرلەش توغرىسىدىكى قاراشقا قارشى تۇردى. ئۇ بىر – بىرىنى ئەيىبلەش ھەرقانداق دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ قارىدى ھەم ئىقتىسادتا 2 – قېتىم كىرىزىس كۆرۈلۈشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى. خەۋەردە ۋېن جياباۋنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: ئېلىمىز ئىقتىسادىدا بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك تەرەققىياتىنى ساقلاش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنى ياخشى باشقۇرۇش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا 2 – قېتىملىق كىرىزىستىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دېيىلدى.
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ۋېن جياباۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: ئېلىمىز خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىش يولىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ، سىرتتىكىلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە ئېلىمىزگە بېسىم ئىشلىتىشى خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا پايدىسىز، دەپ تەكىتلىدى.
سىنگاپور ‹‹ ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر ›› گېزىتى تور پونكىتىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ۋېن جياباۋ زۇڭلى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەنە: ئېلىمىزنىڭ سىرتقا قارىتىلغان فاڭجېنىدا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت بىرتۇتاش پىلانلىنىپ كۆزدە تۇتۇلغان. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ‹‹ دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، لەۋزىدە تۇرىدىغان، قەدىر – قىممىتى بار مىللەت، بىزگە دوستانە مۇئامىلە قىلغان مىللەتكە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم چىقىش نۇقتىمىز ›› ، دېدى.