1 . خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرىدىغان بىر يۈرۈش پىلان: دۆلىتىمىز خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان بىر يۈرۈش سىياسەت – تەدبىرلەرنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاساسەن تۆۋەندىكى تۆت جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلاگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى زور كۆلەمدە ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىليون يۈەنلىك ئىككى يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىدىغىنى 1 تىرىليون 180 مىليارد يۈەن، باجنى قۇرۇلما خاراكتېرلىك كېمەيتىش يولغا قويۇلۇپ، ئىچكى ئېھتىياج ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئىككىنچى، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش يىرىك پىلانى كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇلۇپ ۋە تەڭشىلىپ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ؛ تۆتىنچى، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەر – يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
2 . ‹‹ ئۈچ تور ›› نى بىرىكتۈرۈش: تېلېگراف تورى، رادىيو – تېلېۋىزىيە تورى ۋە ئالاقە تورىنى بىرىكتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇپ، ‹‹ ئۈچ تور ›› نىڭ ئۆزئارا تۇتىشىشى ۋە ئۇلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ھاجەتمەنلەرگە ئاۋاز، سانلىق مەلۇمات ۋە رادىيو – تېلېۋىزىيە قاتارلىق جەھەتتە كۆپ خىل مۇلازىمەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ‹‹ ئۈچ تور ›› نىڭ بىرىكتۈرلۈشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ كۈنسېرى كۆپ خىللىشىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇش مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
3 . ئەشيا ئالاقە تورى: ئۇچۇر ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق پۈتۈشكەن كېلىشىم بويىچە ھەرقانداق بۇيۇم بىلەن ئالاقە تورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ ۋە ئالاقىلىشىپ، ئاقىللاشقان پەرقلەندۈرۈش، ئورۇن بەلگىلەش، ئىز قوغلاش، نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان تورنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئالاقە تورى ئاساسىدا داۋاملاشقان ۋە كېڭەيگەن توردۇر.
4 . ئورمان تۇراقلىق كاربونى: ئورمان سىستېمىسىنىڭ ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ)ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش جەريانى، ھەرىكىتى ياكى مېخانىزمىنى كۆرسىتىدۇ. ئورمان ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسۈش جەريانىدا فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ، ئوكسىگىن قويۇپ بېرىدۇ ھەم ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە تۇپراقتا تۇراقلاشتۇرىدۇ.
5 . ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يۆلەك بولۇشنىڭ ‹‹ بەش كېچىكتۈرۈش، تۆت تۆۋەنلىتىش، ئۈچ ياردەم بېرىش ›› سىياسىتى: ئالاقىدار تارماقلار 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان، كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەدبىرلەر ئاساسەن قىيىنچىلىقتا قالغان كارخانىلارنىڭ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش، ئىشتا يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق بەش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشىغا يول قويۇشنى شەھەر، بازارلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۆت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىشنى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندى ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى ياكى ئىش ئورنى ياردەم پۇلى بېرىشنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەخسۇس مەبلىغى ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلىشىگە مەدەت بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پائال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا مۇددىتى 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىدۇ.
6 . تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىكى بەش نۇقتىلىق خىزمەت: تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا شەھەر، يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئاساسىي داۋالاش – ساقلىق ساقلاش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىش، ھەممە ئادەمنى ئاساسىي داۋالاش – ساقلىق ساقلاش تۈزۈمىدىن بەھرىمەن قىلىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، 2009 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇلىدىغان بەش ئىسلاھاتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىسلاھاتلار ئاساسەن ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئاساسىي تېببىي دورا تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىش، ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي جامائەت ساغلاملىقى مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىلىق سىناق قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
7 . جۇڭگو – ئافرىقا ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىكى سەككىز يېڭى تەدبىر: 2009 – يىلى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ۋېن جياباۋ زۇڭلى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو – ئافرېقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا جاكارلىغان جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى تەدبىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تەدبىرلەر ئاساسەن جۇڭگو – ئافرىقا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئافرىقىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، بازارنى ئافرىقا مەھسۇلاتلىرىغا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ۋە مائارىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، گۇمانتارلىق ئالاقىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق سەككىز جەھەتتە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.