باش بەت  خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە  ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك كومىتېتى3–يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2010-03-16 10:53

    ( 2010–يىل3–ئاينىڭ13–كۈنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ3–يىغىنىدا ماقۇللاندى )

    جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنى 2010 – يىل 3 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

    يىغىندا ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە باشقا دوكلاتلار ياقلاندى، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى تۈزىتىلمىسى (لايىھە) ›› ياقلاندى. يىغىندا رەئىس جيا چىڭلىننىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە مۇئاۋىن رەئىس لو فۇخېنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن تەكلىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى تەستىقلاندى.

    يىغىندا مۇنداق قارالدى: 2009 – يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى. يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا، خەلق تۇرمۇشىغا ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىرى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ج ك پ 17 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش، چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىش، دېموكراتىك ئاساستا نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىدا ئىتتىپاق، ئىناق بولغان، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىگىرىلەيدىغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

    يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنىڭ ئىلمىي يەكۈنى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە يېڭى تارىخىي پەللىدىن يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك زور سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەسىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش بىلەن، سوتسيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن، ‹‹ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى ›› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، مىللەتلەر، قاتلاملار ۋە ھەرساھە زاتلارنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزملىق سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن ئىبارەت جۇڭگوچە سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىيە شەكلىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇشقا، سوتسيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش مەملىكىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى چوڭقۇر ئىسلاھات، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، كۈچ چىقىرىشىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشكە، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ساقلاشقا چارە–تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. ئەزالار مۇنداق تەكىتلىدى: ماكرولۇق تەڭشەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. كۆپ خىل ۋاسىتە قوللىنىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياج، بولۇپمۇ ئىستېمال ئېھتىياجىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى تىرىشىپ گۈللەندۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيو تېخنىكا، ئۇچۇر تورى ۋە يۇقىرى تېخنىكلىق ياسىمىچىلىق قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭى كەسىپلەر ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن – تېخنىكىنى تايانچ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن – تېخنىكا مەخسۇس تۈرىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسپىنى پائال يېتىشتۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشكە ئائىت تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھاملاندۇرۇش، قوللاش ۋە يېتەكلەش كېرەك. تاشقى سودىنى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇپ، ئىمپورت – ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش ۋە چەتكە مەبلەغ سېلىشنى ماس راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشتە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

1   2   下一页  

 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك كومىتېتى3–يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى3–يىغىنىنىڭ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››توغرىسىدىكى قارارى

چەتئەلدىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىرىنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش سۈيقەستى ئىشقا ئاشمايدۇ

ئىقتىسادتا مۆجىزە يارىتىپ، مەدەنىيەتتە شان-شەرەپ قازىنايلى

جاھان ئەھلىگە شىنجاڭنىڭ ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىش

خىزمەتنى چىڭ تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ، باشقۇرۇشنى بىلىدىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن بولايلى

100مىليونلىغان خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشتۈرەيلى

ئاقىلانە ، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ ، ئىلمىي تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号