( 2010–يىل3–ئاينىڭ 14–كۈنى11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ3–يىغىنىدا ماقۇللاندى )
11– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 – يىغىنىدا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم قاراپ چىقىلدى. يىغىن گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2010 – يىللىق ئاساسىي ۋەزىپىلەر ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىغا قوشۇلدى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى. يىغىندا: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ۋە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ، 4 – ئومومىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇشقا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ساقلاشقا، ئىچكى – تاشقى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. يىغىندا مۇنۇلار چاقىرىق قىلىندى: مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ‹‹ 11 – بەش يىل ›› دىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىغا ئومۇميۈزلۈك يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!